يەرەمىيا 32:36 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى36 ئى يەرەمىيا، سىلەر: ‹بۇ شەھەر ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە كېسەللىكتە قېلىپ، بابىل پادىشاھى تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنىدۇ› دەۋاتىسىلەر. بۇ راست. لېكىن مەن پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيمەن: Faic an caibideil |
يەرەمىيا يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىياغا قارشى ۋەھىي يەتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن، پادىشاھ زىدقىيا ئۇنى ئەيىبلەپ: «سەن نېمىشقا بۇنداق ئىشلار توغرىسىدا ۋەھىي يەتكۈزىسەن؟» دەپ، يەرەمىيانى قاماپ قويغانىدى. يەرەمىيا مۇنداق ۋەھىي يەتكۈزگەنىدى: «بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر: ‹مەن بۇ شەھەرنى بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. ئۇ بۇ شەھەرنى ئىشغال قىلىدۇ.