Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەرەمىيا 32:34 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

34 ئۇلار ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ يىرگىنچلىك بۇتلىرىنى نامىمغا ئاتالغان ئىبادەتخانامغا ئېلىپ كىرىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇ يەرنى بۇلغىدى.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەرەمىيا 32:34
15 Iomraidhean Croise  

ماناسسە تەختكە چىققان چاغدا 12 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 55 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى خەفزىبا ئىدى.


پادىشاھ يوشىيا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتىنى ئېلىپ چىققۇزۇپ، يېرۇسالېمنىڭ سىرتىدىكى قىدرون جىلغىسىدا كۆيدۈرگۈزدى. ئاندىن كۆيمەي قالغان قالدۇقلىرىنى پارچىلاپ، ئاددىي پۇقرالارنىڭ قەبرىستانلىقىغا چاچقۇزدى.


پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى يات خەلقلەرنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ بۇتلىرىنى ۋە ئۆزى ياساتقان بۇتنى ئېلىپ تاشلىدى. ئۇ يەنە ئىبادەتخانا تېغىدا ۋە يېرۇسالېمدا ياساتقان بارلىق غەيرىي قۇربانلىق سۇپىلىرىنى چاقتۇرۇپ، شەھەر سىرتىغا تاشلاتتى.


شۇنىڭ بىلەن بىرگە روھانىيلار ۋە يولباشچىلارمۇ بارغانسېرى يات ئەللەرنىڭ يىرگىنچلىك ئىلاھلىرىغا چوقۇنۇپ چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزدى ۋە پەرۋەردىگار مۇقەددەس قىلغان يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىنى بۇلغىدى.


بۇ خەلق مەندىن ۋاز كېچىپ، بۇ جاينى بۇلغىغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق قىلىمەن. ئۇلار بۇ يەردە ئۆزلىرى، ئەجدادلىرى ھەتتا يەھۇدىيە پادىشاھلىرىمۇ نامىنى ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان بۇت ئىلاھلارغا ئاتاپ قۇربانلىقلارنى قىلدى. ئۇلار بۇ جاينى گۇناھسىز بالىلارنىڭ قانلىرى بىلەن بويىدى.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ھازىرقى پەيغەمبەر ۋە روھانىيلار ئىمانسىزدۇر. مەن ئۇلارنىڭ ھەتتا مېنىڭ ئىبادەتخانامدا رەزىللىك قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.


بارلىق ئىتتىپاقداشلىرىڭلار سىلەرنى تاشلىۋەتتى، ئۇلارنىڭ سىلەر بىلەن كارى يوق. مەن سىلەرگە دۈشمىنىڭلاردەك ھۇجۇم قىلىپ، قاتتىق جازالىدىم، چۈنكى قىلمىشلىرىڭلار ئېغىر، گۇناھلىرىڭلار كۆپتۇر.


يېقىندا سىلەر توۋا قىلىپ، مېنى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلدىڭلار. سىلەر قۇل بولغان ئىبرانىي قېرىنداشلىرىڭلارنى ئازاد قىلىشقا قوشۇلۇپ، نامىمغا ئاتالغان ئىبادەتخانامغا كېلىپ، ھۇزۇرۇمدا كېلىشىم تۈزدۈڭلار.


مەن خىزمەتكارلىرىم بولغان پەيغەمبەرلەرنى قايتا-قايتا ئەۋەتىپ، خەلقىمگە مەن نەپرەتلىنىدىغان بۇنداق يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلماسلىقنى ئاگاھلاندۇرۇپ ئېيتقانىدىم.


ئاندىن سىلەر مېنىڭ نامىمغا ئاتالغان ئىبادەتخانامغا كېلىپ، مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا تۇرۇپ: ‹بۇ يەردە بىز تىنچ-ئامان!› دەيسىلەر. سىلەر ھەممە يىرگىنچلىك گۇناھلارنى قىلىپ تۇرۇپ، يەنە ئۆزۈڭلارنى ئامان-ئېسەن ھېس قىلامسىلەر؟


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بۇ خەلق كۆز ئالدىمدا رەزىل ئىشلارنى قىلدى. ئۇلار يىرگىنچلىك بۇتلىرىنى نامىمغا ئاتالغان ئىبادەتخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇ يەرنى بۇلغىدى.


ئۇلار بەنھىننوم جىلغىسىنىڭ توفەت دېگەن يېرىگە سەجدىگاھلارنى سېلىپ، ئۇ يەردە ئۆزلىرىنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىنى قۇربانلىق قىلىپ كۆيدۈردى! مەن ئۇلارنىڭ بۇنداق قۇربانلىق قىلىشىنى ئەمر قىلمىغانىدىم. ھەتتا ئۇنداق قىلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan