Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەرەمىيا 32:30 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

30 چۈنكى ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە خەلقى ئەزەلدىن نەزىرىمدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ داۋاملىق قىلىۋاتقان بۇ قىلمىشلىرى مېنى بەك غەزەپلەندۈردى. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەرەمىيا 32:30
25 Iomraidhean Croise  

پەرۋەردىگار قۇربانلىقنىڭ خۇش پۇرىقىدىن مەمنۇن بولۇپ، كۆڭلىدە: «ئىنسانلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۈچۈن ئەمدى زېمىننى قارغىمايمەن. ئىنسانلارنىڭ تۇغۇلغاندىن تارتىپ نىيىتىنىڭ يامانلىقىنى بىلىمەن. شۇنداقتىمۇ، بۇنىڭدىن كېيىن يەر يۈزىدىكى بارلىق جانلىقلارنى ھەرگىز بۇ قېتىمقىدەك پۈتۈنلەي يوقىتىۋەتمەيمەن.


لېكىن ئۇلار ئاسىيلىق قىلىپ، ئۇنىڭ مۇقەددەس روھىنى ئازابلىدى. شۇڭا ئۇ ئۇلارنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىپ، ئۇلارغا ئۆزى زەربە بەردى.


مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۆزۈم ئۆستۈرگەن بۇ زەيتۇن دەرىخىنى ۋەيران قىلىشقا ئىرادە قىلدىم. چۈنكى ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە خەلقى بائالنىڭ بۇتلىرىغا قۇربانلىق قىلىشتەك رەزىل ئىشلارنى قىلىپ، غەزىپىمنى قوزغىدى.


مەن سىلەرنى مېۋىلەر ۋە ئېسىل نەرسىلەردىن ھۇزۇرلانسۇن دەپ، بۇ مۇنبەت زېمىنغا ئېلىپ كەلگەنىدىم. بىراق مېنىڭ زېمىنىمغا كىرگەندىن كېيىن، ئۇنى بۇلغىدىڭلار. ماڭا تەئەللۇق بولغان بۇ زېمىننى يىرگىنچلىك جايغا ئايلاندۇرۇپ قويدۇڭلار.


سىلەر گۈللەنگەن چاغدا مەن سىلەرگە سۆز قىلدىم، لېكىن سىلەر ئاڭلاشنى رەت قىلدىڭلار. سىلەر ئەزەلدىن سۆزلىرىمگە ئىتائەت قىلمىدىڭلار، مانا بۇ سىلەرنىڭ پۈتۈن ھاياتىڭلاردا قىلغانلىرىڭلار.


باشقا ئىلاھلارنى ئىزدەپ، ئۇلارغا چوقۇنماڭلار ۋە سەجدە قىلماڭلار. ئۆز قولۇڭلار بىلەن ياسىۋالغان بۇت ئىلاھلار بىلەن غەزىپىمنى قوزغىماڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، مەن سىلەرگە زىيان يەتكۈزمەيمەن.»


لېكىن ھازىر پەرۋەردىگار سىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر سۆزۈمنى ئاڭلاشنى رەت قىلدىڭلار. ئۆز قولۇڭلار بىلەن ياسىۋالغان بۇتلار ئارقىلىق غەزىپىمنى قوزغىدىڭلار. شۇ سەۋەبتىن ئۆز بېشىڭلارغا ئۆزۈڭلار بالا-قازا ئېلىپ كەلدىڭلار.


بىز ئەسلى خىجالەتچىلىكنى كۆرپە، نومۇسنى يوتقان قىلىشىمىز كېرەك ئىدى. لېكىن بىزمۇ ئەجدادلىرىمىزغا ئوخشاش ھەمىشە پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ ئالدىدا گۇناھ قىلىپ كەلدۇق. بالىلىق دەۋرىمىزدىن تارتىپ تاكى مۇشۇ كۈنگىچە بىز ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلماي كەلدۇق.›»


بارلىق ئىتتىپاقداشلىرىڭلار سىلەرنى تاشلىۋەتتى، ئۇلارنىڭ سىلەر بىلەن كارى يوق. مەن سىلەرگە دۈشمىنىڭلاردەك ھۇجۇم قىلىپ، قاتتىق جازالىدىم، چۈنكى قىلمىشلىرىڭلار ئېغىر، گۇناھلىرىڭلار كۆپتۇر.


_ سەن تېرە پارچىلىرىدىن ئېلىپ، ئۇنىڭغا يوشىيا پادىشاھ بولغان چاغدىن تارتىپ تاكى ھازىرغا قەدەر بولغان ئارىلىقتىكى ئىسرائىلىيە، يەھۇدىيە، شۇنداقلا باشقا بارلىق ئەللەر توغرىسىدا ساڭا ئېيتقان ھەممە سۆزلىرىمنى يېزىپ چىققىن.


بۇ يەردە ياشىغان خەلقىم رەزىل ئىشلارنى قىلىپ، غەزىپىمنى كەلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ بالايىئاپەتلەر يۈز بەردى. ئۇلار ئەجدادلىرىڭلار، ھەتتا سىلەرمۇ نامىنى ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان بۇت ئىلاھلارغا چوقۇنۇپ، قۇربانلىقلارنى كۆيدۈردى.


نېمە ئۈچۈن مىسىرغا كېلىپ، ئۆزۈڭلار ياسىۋالغان بۇت ئىلاھلارغا قۇربانلىقلارنى كۆيدۈرۈپ، غەزىپىمنى قوزغايسىلەر؟ سىلەر پەقەت ئۆزۈڭلارنى ئۆزۈڭلار ۋەيران قىلىسىلەر ھەمدە دۇنيادىكى بارلىق ئەللەر قارغايدىغان ۋە مەسخىرە قىلىدىغان نىشانغا ئايلىنىپ قالىسىلەر.


قەدىرلىك خەلقىمنىڭ بۇ زېمىننىڭ ھەممە يەرلىرىدە يىغلاۋاتقىنىنى ئاڭلىدىم. ئۇلار: «سىئوندا ئەمدى پەرۋەردىگار يوقمۇ؟ سىئوننىڭ پادىشاھى ئەمدى بۇ يەردە تۇرمامدۇ؟» دەپ يىغلايدۇ. پەرۋەردىگار: «ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن ئۇلار يات ئەللەرنىڭ ئەرزىمەس بۇتلىرىغا چوقۇنۇپ، غەزىپىمنى قوزغايدۇ؟» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.


مەن ئۇلارغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىنغا ئۇلارنى باشلاپ كىرگەندىن كېيىن، ئۇلار ھەربىر ئېگىزلىكنى، ھەربىر بۈك-باراقسان دەرەخنى كۆرگەن ھامان، ئۇ يەرلەردە قۇربانلىق قىلىپ، بۇتلارنى قويۇپ، خۇش پۇراقلىق ھەدىيەلەرنى كۆيدۈرۈپ، شاراب سۇنۇپ، غەزىپىمنى قوزغىدى.


لېكىن ئۇلار ماڭا ئاسىيلىق قىلىپ، سۆزۈمنى ئاڭلىمىدى. ھېچكىم ئۆزلىرىنىڭ كۆزلىرىنى سېھىرلىگەن يىرگىنچلىك نەرسىلىرىنى ۋە مىسىرنىڭ بۇتلىرىنىمۇ يوقاتمىدى. ئەسلى مەن ئۇلارغا مىسىردا غەزىپىمنى ياغدۇرۇپ، ئاچچىقىمنى چىقىرىمەن، دەپ نىيەت قىلغانىدىم.


ئۇلار مىسىردا پاھىشىلىك قىلاتتى ۋە ياش ۋاقىتلىرىدىن باشلاپ پاھىشىلىك قىلغانىدى. ھەرقانداق ئادەم ئۇلارنىڭ كۆكسىنى سىلىيالايتتى، ئەمچەكلىرىنى تۇتالايتتى.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan