Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەرەمىيا 32:23 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

23 لېكىن ئۇلار بۇ زېمىنغا كېلىپ، ئۇنىڭغا ئىگە بولغاندىن كېيىن، ئۇلار ھەم ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ سېنىڭ سۆزلىرىڭگە قۇلاق سالمىدى، يولۇڭدا ماڭمىدى! شۇنداقلا، ئۇلار سەن ئەمر قىلغان ئىشلارنىڭ ھېچقايسىسىنى قىلمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن سەن بۈگۈن ئۇلارغا پۈتۈن بالايىئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلدىڭ.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەرەمىيا 32:23
32 Iomraidhean Croise  

ئەجدادلىرىمىز زامانىدىن تارتىپ ئېغىر گۇناھ ئىچىدە ياشىدۇق. گۇناھلىرىمىز تۈپەيلىدىن خەلقىمىز، پادىشاھلىرىمىز ۋە روھانىيلىرىمىز ياقا-يۇرتلۇق پادىشاھلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ، قىرغىن، تۇتقۇن، تالان-تاراج قىلىندى ۋە خورلاندى. بۈگۈنكى كۈندە يەنىلا شۇنداق بولماقتىمىز.


ئۇلارنىڭ قارنى ئاچقاندا ئاسماندىن يېمەكلىك چۈشۈرۈپ بەردىڭ، ئۇسسىغاندا قورام تاشتىن سۇ چىقىرىپ بەردىڭ. سەن ئۇلارنىڭ ئۆزۈڭ ئۇلارغا ۋەدە قىلغان زېمىنغا بېرىشىنى ۋە ئۇنىڭغا ئىگىدارچىلىق قىلىشنى بۇيرۇدۇڭ.


ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدىسىگە بويسۇنمىدى، ھەم ئۇنىڭ قانۇنى بويىچە ماڭمىدى.


مەن سىلەرنى مېۋىلەر ۋە ئېسىل نەرسىلەردىن ھۇزۇرلانسۇن دەپ، بۇ مۇنبەت زېمىنغا ئېلىپ كەلگەنىدىم. بىراق مېنىڭ زېمىنىمغا كىرگەندىن كېيىن، ئۇنى بۇلغىدىڭلار. ماڭا تەئەللۇق بولغان بۇ زېمىننى يىرگىنچلىك جايغا ئايلاندۇرۇپ قويدۇڭلار.


ئۇلارغا مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹سىلەر سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىپ، مەن كۆرسەتكەن يولدا مېڭىڭلار!


بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر سىلەر توۋا قىلمىدىڭلار. سىلەر ماڭا ئىخلاسمەن بولمىدىڭلار، مەن سىلەرگە ۋە ئەجدادلىرىڭلارغا بەرگەن ئەمر-پەرمانلار بويىچە ياشىمىدىڭلار.


لېكىن ھېچقايسىڭلار سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىدىڭلار، ھەتتا ئېتىبارمۇ قىلمىدىڭلار. سىلەر ئەجدادلىرىڭلارغا قارىغاندا تېخىمۇ جاھىل ۋە ئاسىي بولدۇڭلار.»


سىئون يەنە نالە قىلماقتا: «لېكىن ئادالەتلىكتۇر پەرۋەردىگار، ئۆزۈمدۇرمەن قارشى چىققان ئۇنىڭ ئەمرىگە. ئەي بارچە ئەللەر، قۇلاق سېلىڭلار سۆزۈمگە، بىر بېقىڭلار كۈلپەتلىرىمگە! قىز-ئوغۇللىرىم دۇچار بولدى سۈرگۈنگە.


يېرۇسالېم قىلىپ قاتتىق گۇناھ، بۇلغىدى ئۆزىنى. بۇرۇن ئۇنى ھۆرمەت قىلغانلار، كۆرۈپ ئەمدى شەرمەندىچىلىكىنى، كەمسىتەر ئۇنى. ئۇ ھەسرەتلىنىپ، قاچۇرار ئۆزىنى.


مەن چۆللۈكتە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە: ‹ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ ئىزىدىن ماڭماڭلار، ئۇلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى دورىماڭلار ۋە ئۇلارنىڭ بۇتلىرى بىلەن ئۆزۈڭلارنى بۇلغىماڭلار.


لېكىن ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىمۇ ماڭا ئاسىيلىق قىلدى. قانۇنلىرىمغا رىئايە قىلمىدى، بەلگىلىمىلىرىمگە بويسۇنمىدى. (ئۇلارغا ئەمەل قىلغۇچى ھايات قالىدۇ.) مەن بېكىتكەن دەم ئېلىش كۈنىنىمۇ بۇلغىدى. شۇڭا مەن چۆللۈكتە ئۇلارغا غەزىپىمنى ياغدۇرۇپ، ئاچچىقىمنى چىقارماقچى بولدۇم.


لېكىن ئۇلار ماڭا ئاسىيلىق قىلىپ، سۆزۈمنى ئاڭلىمىدى. ھېچكىم ئۆزلىرىنىڭ كۆزلىرىنى سېھىرلىگەن يىرگىنچلىك نەرسىلىرىنى ۋە مىسىرنىڭ بۇتلىرىنىمۇ يوقاتمىدى. ئەسلى مەن ئۇلارغا مىسىردا غەزىپىمنى ياغدۇرۇپ، ئاچچىقىمنى چىقىرىمەن، دەپ نىيەت قىلغانىدىم.


سىلەرمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش، خۇدا بۇيرۇغان ھەرقانداق بىر ئىشنى ئورۇندىغىنىڭلاردا: «بىز ئەرزىمەس قۇللىرىڭ، پەقەت ئۆز ۋەزىپىمىزنىلا ئورۇندىدۇق» دەڭلار.


سىلەرگە بۇيرۇغان ئەمرلىرىمنى ئادا قىلساڭلار، مېنىڭ دوستلىرىم بولىسىلەر.


تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش بىلەن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىمەن، دەيدىغانلارنىڭ ھەممىسى لەنەتكە قالىدۇ. مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق يېزىلغان: «تەۋرات قانۇنىدا يېزىلغان ھەممە ئەمرلەرگە تولۇق ئەمەل قىلمىغان كىشى لەنەتكە قالىدۇ.»


ئەگەر بىر كىشى خۇدانىڭ پۈتۈن قانۇنىغا ئەمەل قىلدىم دەپ تۇرۇپ، ئۇنىڭدىكى بىرەر پەرمانغا خىلاپلىق قىلىپ قالسا، ئۇ خۇدانىڭ نەزىرىدە پۈتۈن قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ئادەمگە ئوخشاش گۇناھكار ھېسابلىنىدۇ.


شۇنداق قىلىپ پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ ئەجدادلىرىغا ۋەدە قىلغان بارلىق زېمىننى ئۇلارغا بەردى. ئىسرائىللار بۇ زېمىنلارغا ئىگە بولۇپ، شۇ يەرلەردە ئولتۇراقلاشتى.


ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئەجدادلىرىڭلار بىلەن قىلغان ئەھدىسىنى بۇزۇپ، باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنۇپ، ئۇلارغا سەجدە قىلساڭلار، پەرۋەردىگار سىلەرگە قاتتىق غەزىپىنى ياغدۇرىدۇ. پەرۋەردىگار سىلەرگە ئاتا قىلغان بۇ گۈزەل زېمىندىن بىر دەمدىلا يوق قىلىنىسىلەر.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan