يەرەمىيا 32:18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى18 سەن مىليونلىغان ئىنسانلارغا چەكسىز مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتتىڭ. بىراق سەن يەنە ئاتا-ئانىلارنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن پەرزەنتلىرىنى جازالايسەن. سەن بولساڭ، كۈچ-قۇدرەتلىك ئۇلۇغ خۇداسەن. سېنىڭ نامىڭ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگاردۇر. Faic an caibideil |
سىلى چۈشلىرىدە كۆرگەن ئادەم قولى تەگمىگەن ئەھۋالدا ئۆزلۈكىدىن كېسىلىپ كەلگەن قورام تاشنىڭ تۆمۈر، تۇچ، ساپال، كۈمۈش ۋە ئالتۇنلاردىن ياسالغان ھەيكەلگە ئۇرۇلۇپ، ئۇنى چېقىپ تاشلىغانلىقى ئۇلۇغ خۇدانىڭ پادىشاھ ئالىيلىرىغا كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان ئىشلاردىن بېشارەت بەرگەنلىكىدۇر. سىلىنىڭ كۆرگەن بۇ چۈشلىرى راستتۇر، ئۇنىڭ تەبىرىمۇ ئىشەنچلىكتۇر.