Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەرەمىيا 32:17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

17 «ئى پەرۋەردىگار ئىگەم، سەن ھەقىقەتەن يۈكسەك كۈچ-قۇدرىتىڭ ۋە ھەممىگە قادىر قۇدرەتلىك قولۇڭ بىلەن ئاسمان ۋە زېمىننى ياراتتىڭ. سەن ئۈچۈن ھېچقانداق قىيىن ئىش يوق!

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەرەمىيا 32:17
49 Iomraidhean Croise  

مەن پەرۋەردىگار قىلالمايدىغان ئىش بارمۇ!؟ ئېيتقىنىمدەك، كېلەر يىلى مۇشۇ چاغدا قايتا كېلىمەن. ئۇ چاغدا سارە چوقۇم بىر ئوغۇلغا ئانا بولىدۇ، _ دېدى.


پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلدى: «ئى پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا، سەن كېرۇبلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تەختتە ئولتۇرىسەن، سەن دۇنيادىكى پۈتكۈل پادىشاھلىقلارنىڭ يېگانە خۇداسىدۇرسەن، پۈتكۈل ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسىدۇرسەن.


پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە بۇ دېگەن كىچىككىنە بىر ئىش. ئۇ موئابلارنىمۇ سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا چۈشۈرۈپ بېرىدۇ.


سەن بىردىنبىر پەرۋەردىگاردۇرسەن! سەن ئاسماننى، ھەتتا ئەرشئەلا ۋە پۈتۈن يۇلتۇزلارنى، زېمىن ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق مەۋجۇداتنى، دېڭىز-ئوكيان ۋە ئۇنىڭدىكى ھەممە نەرسىنى ياراتتىڭ. سەن پۈتكۈل مەۋجۇداتلارغا جان بەرگۈچىدۇرسەن. ئەرشئەلادىكى پەرىشتىلەر ساڭا ئىبادەت قىلىدۇ.


«ھەممىگە قادىر ئىكەنلىكىڭنى، ھېچكىم سېنىڭ مەقسەتلىرىڭنى توسالمايدىغانلىقىنى بىلىمەن.


دۇنيانى يارتقانتىڭ ئەلمىساقتا، ئاسمانمۇ بەرپا بولدى ئۆز قولۇڭدا.


پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ ئۇلارنى زور قۇدرىتى بىلەن ئېلىپ چىققۇچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.


مەن پەرۋەردىگارىڭلار ئاسمان، زېمىن، دېڭىز ۋە ئۇلاردىكى پۈتكۈل مەۋجۇداتلارنى ئالتە كۈندە ياراتتىم. لېكىن يەتتىنچى كۈنى دەم ئالدىم. شۇڭا مەن پەرۋەردىگار دەم ئېلىش كۈنىگە بەخت ئاتا قىلىپ، بۇ كۈننى مۇقەددەس كۈن دەپ بەلگىلىدىم.


ئاسماننى ياراتقان ۋە ئۇنى يايغان، زېمىن ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق مەۋجۇدىيەتلەرنى ئاپىرىدە قىلغان، ئىنسانلارغا نەپەس ئاتا قىلىپ، ھاياتلىق بەرگەن پەرۋەردىگارىمىز خۇدا ئۆزى تاللىغان خىزمەتكارىغا مۇنداق دەيدۇ:


سىلەرنى ئاناڭلارنىڭ قورسىقىدا تۆرەلدۈرگەن ۋە قوغداپ كەلگەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن بارلىق مەۋجۇداتنى ياراتقان پەرۋەردىگاردۇرمەن، مەن ئۆزۈم يالغۇز ئاسماننى يايدىم، مېنىڭ ئالەمنى يارىتىشىمغا ھېچكىم شېرىك بولمىدى.


زېمىننى بەرپا قىلغان، زېمىندىكى ئىنسانلارنى ياراتقان مەن بولىمەن. مەن ئاسماننى ئۆز قولۇم بىلەن يايدىم، ئاسماندىكى پۈتكۈل مەۋجۇداتلارنى ئۆز جايلىرىغا ئورۇنلاشتۇردۇم.


قارا، پەرۋەردىگارنىڭ قولى قۇتقۇزالمىغۇدەك قىسقا ئەمەس، قۇلىقى ئاڭلىيالمىغۇدەك گاس ئەمەس.


مەن پەرۋەردىگارغا: _ ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، مەن قانداق سۆزلەشنى بىلمەيمەن. مەن تېخى ياش بىر يىگىت! _ دېدىم.


مەن مۇنداق دېدىم: _ ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، قارا! ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلىرى ئۇلارغا: «ئۇرۇش ۋە ئاچارچىلىق بېشىڭلارغا كەلمەيدۇ. پەرۋەردىگار سىلەرگە بۇ زېمىندا ئەبەدىي تىنچ-ئامانلىق ئاتا قىلىدۇ.» دەۋاتىدۇ.


_ پەرۋەردىگاردىن سوراپ باقسىلا، بابىلنىڭ پادىشاھى نىبۇكادنەزەر بىزگە ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ. بەلكىم پەرۋەردىگار بۇرۇنقىغا ئوخشاش مۆجىزىلەرنى كۆرسىتىپ، دۈشمەنلەرنى چېكىندۈرەلەمدىكىن؟ _ دەپ ئىلتىجا قىلدى.


مەن يۈكسەك كۈچ-قۇدرىتىم ۋە ھەممىگە قادىر قولۇم بىلەن دۇنيانى، يەر يۈزىدىكى ئىنسانلارنى ۋە ھايۋاناتلارنى ياراتتىم. مەن ئۇلارنى كىمگە بېرىشنى خالىسام، شۇنىڭغا بېرىمەن.


«مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن، پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ خۇداسىدۇرمەن. مەن قىلالمايدىغان ئىش بارمۇ؟


ماڭا ئىلتىجا قىلغىن، مەن جاۋاب بېرىمەن. ساڭا سەن تېخىچە بىلمەيدىغان ئاجايىپ سىرلىق ئىشلارنى دەپ بېرىمەن.


مەن: _ ئى پەرۋەردىگار خۇدا، سەن يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمدىكى خەلقلەرنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن: «سىلەر ئامان قالىسىلەر!» دەپ ئالدىشىغا يول قويغانىدىڭ. ئەمەلىيەتتە قىلىچ گېلىمىزغا ئاللىقاچان تەڭلىنىپ بولغانىدى! _ دېدىم.


پەرۋەردىگار ئۆز قۇدرىتى بىلەن زېمىننى ياراتقاندۇر. ئۇ ئۆز دانالىقى بىلەن دۇنيانى بەرپا قىلغاندۇر، شۇنداقلا ئۆز ئەقلى بىلەن ئاسماننى يايغۇچىدۇر.


بىراق بىزنىڭ ئەجدادىمىز ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان خۇدا بۇ بۇتلارغا ئوخشىمايدۇ. ئۇ بارلىق مەۋجۇداتلارنى ياراتقۇچىدۇر. بىز ئىسرائىل خەلقى ئۇنىڭغا مەنسۇپتۇرمىز. ئۇنىڭ نامى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگاردۇر.


مەن مۇشۇ ۋەھىينى يەتكۈزۈۋاتقىنىمدا، بىنايانىڭ ئوغلى پىلاتيا ئۆلدى. مەن ئۆزۈمنى يەرگە تاشلاپ: _ ئېھ ئىگەم پەرۋەردىگار، سەن ھايات قالغان ئاشۇ ئازغىنە ئىسرائىللارنىمۇ يوقاتماقچىمۇسەن؟ _ دەپ ئۈنلۈك ئاۋازدا نالە قىلدىم.


پەقەت مەنلا قالدىم. مەن ئۆزۈمنى يەرگە تاشلاپ، نىدا قىلدىم: _ ئېھ ئىگەم پەرۋەردىگار، يېرۇسالېمغا غەزەپ قىلغىنىڭدا، ئىسرائىلىيەدە قېلىپ قالغان بارلىق ئىسرائىللارنىمۇ ھالاك قىلماقچىمۇ؟


ئۇ ئاشكارىلايدۇ غايىب ئىشلار ۋە سىرلارنى، ئۇ بىلىدۇ بارچە قاراڭغۇلۇقتىكى ئىشلارنى، چۈنكى ياردۇر يورۇقلۇق ئۇنىڭغا.


ئۇ شىر سولانغان ئورەكنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئەنسىرەش ئاۋازى بىلەن: _ ئەي دانىيال، مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ خىزمەتكارى! سېنىڭ ئىخلاس بىلەن چوقۇنىدىغان خۇدايىڭ سېنى شىرلاردىن قۇتقۇزۇۋالدىمۇ؟ _ دەپ سورىدى.


بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىلىيە توغرىسىدىكى ۋەھىيسىدۇر. ئاسماننى يېيىپ، زېمىننىڭ ئۇلىنى قويغان، ئىنسانغا روھ ئاتا قىلغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئىشلار ھازىر ئامان قالغان خەلقىمگە مۇمكىن ئەمەستەك تۇيۇلىدۇ، لېكىن مەن ئۈچۈن ئىمكانسىز ئەمەستۇر! بۇ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»


پەرۋەردىگار مۇساغا: _ مېنىڭ كۈچ-قۇدرىتىم شۇنچىلىك چەكلىك دەپ ئويلامسەن؟ سەن سۆزلىرىمنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى ناھايىتى تېزلا كۆرىسەن! _ دېدى.


ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا قاراپ: - بۇ، ئىنسانلارنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ، لېكىن خۇدا ھەممىگە قادىردۇر، - دېدى.


ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا قاراپ: - بۇ، ئىنسانلارنىڭ قولىدىن ئەمەس، خۇدانىڭلا قولىدىن كېلىدىغان ئىشتۇر، چۈنكى خۇدا ھەممىگە قادىردۇر، - دېدى.


چۈنكى، خۇدا قىلالمايدىغان ھېچقانداق ئىش يوق، - دېدى جەبرائىل.


- ئىنسانلار قادىر بولمىغانغا خۇدا قادىردۇر، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا.


- ئۇنداق قىلماڭلار! بىزمۇ ئادەم، سىلەرگە ئوخشاش ئىنسان! بىز سىلەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشكە كەلدۇق. خۇش خەۋەر شۇكى: ئەرزىمەس نەرسىلەرگە چوقۇنماي، مەڭگۈ ھايات بولغان بىردىنبىر خۇداغىلا ئىبادەت قىلىڭلار! ئۇ ئاسمان-زېمىن، دېڭىز-ئوكيان ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق مەخلۇقلارنى ياراتقان خۇدادۇر!


خۇددى بۇرۇنلا ۋەدە قىلغىنىمدەك، بۇ ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن!»


پۈتكۈل دۇنيانى ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق مەۋجۇداتلارنى ياراتقان خۇدا پۈتۈن ئالەمنىڭ ئىگىسىدۇر. ئۇ ئىنسانلارنىڭ قولى بىلەن بىنا قىلىنغان بۇتخانىلاردا تۇرمايدۇ.


«پەرۋەردىگارىمىز ۋە خۇدايىمىز! شان-شەرەپ، ھۆرمەت ۋە قۇدرەتكە لايىقسەن. چۈنكى، ھەممىنى سەن ياراتتىڭ. ھەممە شەيئى خاھىشىڭ بىلەن يارىتىلىپ ۋۇجۇدقا كەلدى.»


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan