16 مەن توختام نۇسخىلىرىنى نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇكقا بېرىپ بولغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىپ مۇنداق دېدىم:
ئى پەرۋەردىگار، مەن سەن بىلەن مۇنازىرىلەشكىنىمدە، سەن ھەر دائىم شۇنداق ئادىل بولۇپ كەلدىڭ. شۇنداقتىمۇ مەن سەن بىلەن يەنە ئادىللىقىڭ توغرىسىدا سۆزلەشمەكچىمەن. نېمە ئۈچۈن رەزىل ئادەملەرنىڭ ئىشى ئوڭۇشلۇق بولىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بارلىق سەمىمىيەتسىز كىشىلەر راھەتتە ياشايدۇ؟
ئۇنى بىر نەۋرە قېرىندىشىم خانامئېل ۋە توختامغا قول قويغان گۇۋاھچىلار، شۇنداقلا قاراۋۇلخانىنىڭ ھويلىسىدا ئولتۇرغان باشقا كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ماخسېيانىڭ نەۋرىسى، يەنى نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇكقا تاپشۇرۇپ بەردىم.
نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇك يەرەمىيا پەيغەمبەرنىڭ ئېيتقانلىرىنى تېرىگە پۈتكەن ۋاقتىدا، يەرەمىيا ئۇنىڭغا بىر ۋەھىينى يەتكۈزگەنىدى. بۇ ۋەھىي يوشىيانىڭ ئوغلى يىھوياقىمنىڭ يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلغانلىقىنىڭ 4-يىلى پۈتۈلگەن بولۇپ، يەرەمىيا مۇنداق دېگەنىدى: