Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەرەمىيا 32:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 ئۇنى بىر نەۋرە قېرىندىشىم خانامئېل ۋە توختامغا قول قويغان گۇۋاھچىلار، شۇنداقلا قاراۋۇلخانىنىڭ ھويلىسىدا ئولتۇرغان باشقا كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ماخسېيانىڭ نەۋرىسى، يەنى نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇكقا تاپشۇرۇپ بەردىم.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەرەمىيا 32:12
10 Iomraidhean Croise  

ھەممە كىشىلەرنىڭ ئالدىدا مەن بارۇكقا مۇنداق دېدىم:


مەن توختام نۇسخىلىرىنى نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇكقا بېرىپ بولغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىپ مۇنداق دېدىم:


ئەكسىچە ئۇ بەگزادىلەردىن بىرى بولغان يىراخمىئېلنى، ئازرىئېلنىڭ ئوغلى سىرايانى ۋە ئابدىئېلنىڭ ئوغلى شەلەميانى پۈتۈكچى بارۇك ۋە يەرەمىيا پەيغەمبەرنى تۇتۇپ كېلىشكە بۇيرۇدى. لېكىن پەرۋەردىگار ئۇلارنى يوشۇرۇپ قويغانىدى.


ئاندىن يەرەمىيا باشقا تېرە پارچىلىرىنى ئېلىپ، ئۇلارنى نېرىيانىڭ ئوغلى _ پۈتۈكچى بارۇكقا بەردى. يەرەمىيا يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياقىم كۆيدۈرۈۋەتكەن ئورام يازمىدىكى بارلىق سۆزلەرنى بارۇكقا قايتىدىن پۈتتۈردى. ئۇلار بۇ ئورام يازمىغا يەنە بىرقانچە باشقا ۋەھىيلەرنىمۇ قوشۇپ قويدى.


زىدقىيا پادىشاھنىڭ يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلغانلىقىنىڭ 4-يىلى، يەرەمىيا پەيغەمبەر ماخسېيانىڭ نەۋرىسى، نېرىيانىڭ ئوغلى سىراياغا بۇيرۇق قىلدى. ئۇ چاغدا سىرايا زىدقىيا پادىشاھ بىلەن بابىلغا بارماقچى ئىدى. سىرايا بولسا زىدقىيا پادىشاھنىڭ خاس خىزمەتكارى ئىدى.


يامان ئاتاققا قالماسلىق ئۈچۈن، پەقەت رەببىمىزنىڭ نەزىرىدە ئەمەس، ئىنسانلارنىڭ نەزىرىدىمۇ توغرا دەپ قارالغان ئىشلارنى قىلىشقا دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمىز.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan