4 تۆۋەندىكى سۆزلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە توغرىسىدىكى ۋەھىيسىدۇر.
ۋاقتى كەلگەندە، خەلقىم بولغان ئىسرائىلىيەلىكلەر ۋە يەھۇدىيەلىكلەرنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرىمەن. ئۇلارنى مەن ئەجدادلىرىغا ئاتا قىلغان زېمىنغا قايتۇرۇپ كېلىمەن. ئۇلار ئۆز زېمىنىغا قايتىدىن ئىگە بولىدۇ. بۇلارنى مەن پەرۋەردىگار ئېيتتىم!
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «تىنچلىق سادالىرى ئەمەس، بەلكى ئالاقزادىلىك، قورقۇنچ قاپلىغان كىشىلەرنىڭ يىغا-زارى ئاڭلىنىدۇ.