يەرەمىيا 30:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى3 ۋاقتى كەلگەندە، خەلقىم بولغان ئىسرائىلىيەلىكلەر ۋە يەھۇدىيەلىكلەرنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرىمەن. ئۇلارنى مەن ئەجدادلىرىغا ئاتا قىلغان زېمىنغا قايتۇرۇپ كېلىمەن. ئۇلار ئۆز زېمىنىغا قايتىدىن ئىگە بولىدۇ. بۇلارنى مەن پەرۋەردىگار ئېيتتىم! Faic an caibideil |
خەلق سۈرگۈندىن يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى ئىككىنچى ئەتىيازنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ قۇرۇلۇشى باشلىنىپ كەتتى. بۇ خىزمەتكە شىئالتېلنىڭ ئوغلى زىرۇببابەل، يوزاداقنىڭ ئوغلى يوشۇۋا ھەم باشقا روھانىيلار، لاۋىيلار ۋە سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى قاتناشتى. لاۋىيلارنىڭ يىگىرمە ياشتىن يۇقىرىلىرى ئىبادەتخانىنىڭ قايتىدىن قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى نازارەت قىلىشقا تەيىنلەندى.
مەن پەرۋەردىگار دەيمەنكى، ئەي خىزمەتكارلىرىم بولغان ياقۇپ ئەۋلادلىرى، قورقماڭلار، ئەي ئىسرائىل خەلقى، ئالاقزادە بولماڭلار! چۈنكى مەن سىلەر ۋە سىلەرنىڭ ئەۋلادلىرىڭلارنى يىراقلاردىكى سۈرگۈن قىلىنغان يەرلەردىن چوقۇم قۇتقۇزۇپ كېلىمەن. ئەي ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى، سىلەر ئۆز زېمىنىڭلارغا قايتىپ، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرىسىلەر. سىلەرگە ھېچكىم ۋەھىمە سالمايدۇ.
كىشىلەر ئېتىزلارنى ئېلىپ-سېتىپ، يەر خەتلىرىنى ئىمزالايدۇ، ئۇلار گۇۋاھچىلارنىڭ ئالدىدا يەر خەتلىرىنى مۆھۈرلەيدۇ. بۇ ئىشلار بىنيامىن قەبىلىسىنىڭ زېمىنلىرىدا ھەم يېرۇسالېم ئەتراپىدىكى يېزىلاردا، شۇنداقلا يەھۇدىيەنىڭ باشقا شەھەر-يېزىلىرىدا، تاغلىق رايونلاردا، غەربىي ئېدىرلىقلاردا ۋە نەگېب چۆللۈكىدىمۇ ئەمەلگە ئاشىدۇ. چۈنكى مەن بۇ كىشىلەرنى ئۆز يۇرتقا قايتۇرىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!»