2 _ مەن پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ساڭا مۇنداق دەيمەن، مەن ساڭا ئېيتقان بارلىق سۆزلەرنى بىر تېرىگە پۈتكىن.
ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا: _ كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ بۈگۈنكى غەلىبىنى ئۇنتۇماسلىقى ئۈچۈن يېزىپ قالدۇرغىن. ئامالەكلەرنى پۈتۈنلەي يوقىتىدىغانلىقىمنى يوشۇۋاغا يەتكۈزۈپ قوي، _ دېدى.
پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «ئەمدى بېرىپ، يەھۇدىيە خەلقىنىڭ ئالدىدا تاش تاختىغا بۇ ئىشلارنى خاتىرە قىلىپ ئويغىن. بۇ ئىشلاردىن دەستۇر پۈتكىن. كەلگۈسىدىكىلەرگە مىراس قىلغىن، بۇ پۈتۈكلەر مەڭگۈ گۇۋاھچى بولسۇن.
كېيىن پەرۋەردىگار ماڭا: _ بىر چوڭ تاختايغا كىشىلەر ئوقۇيالىغۇدەك ئېنىق قىلىپ: «تېز بۇلاش، تېز تالان-تاراج قىلىش» دەپ يازغىن.
مەن بۇ زېمىنغا قارشى ئېيتقان بارلىق سۆزلىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن. ئۇ خەلقلەر توغرىسىدا يەرەمىيا ئارقىلىق يەتكۈزگەن، بۇ يازمىغا پۈتۈلگەن بارلىق ۋەھىيلىرىمنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىمەن.
پەرۋەردىگار يەرەمىياغا مۇنداق دېدى:
_ سەن يېڭىدىن تېرە پارچىلىرىنى ئېلىپ، ئۇنىڭغا يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياقىم كۆيدۈرۈۋەتكەن تېرە پۈتۈكتىكى ھەممە سۆزلەرنى قايتىدىن پۈتۈپ چىققىن.
ئاندىن يەرەمىيا باشقا تېرە پارچىلىرىنى ئېلىپ، ئۇلارنى نېرىيانىڭ ئوغلى _ پۈتۈكچى بارۇكقا بەردى. يەرەمىيا يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياقىم كۆيدۈرۈۋەتكەن ئورام يازمىدىكى بارلىق سۆزلەرنى بارۇكقا قايتىدىن پۈتتۈردى. ئۇلار بۇ ئورام يازمىغا يەنە بىرقانچە باشقا ۋەھىيلەرنىمۇ قوشۇپ قويدى.
ئەي دانىيال، سەن ئەمدى بۇ پۈتۈكنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، تاكى زامان ئاخىرىغىچە پېچەتلىۋەتكىن. نۇرغۇن كىشىلەر يۈز بەرمەكچى بولغان ئىشلار ئۈستىدە يۈرەك قانلىرىنى سەرپ قىلىشىپ، چۈشەنچىگە ئىگە بولىدۇ.
مۇقەددەس يازمىلاردىكى سۆزلەرنىڭ ھەممىسى بىزگە تەلىم بولسۇن دەپ بۇرۇنلا يېزىپ قالدۇرۇلغان. خۇدانىڭ ۋەدىسىگە ئېرىشكەنگە قەدەر ئۇ سۆزلەر بىزنى رىغبەتلەندۈرىدۇ ۋە سەۋر-تاقەتلىك قىلىدۇ.
بۇ ۋەقەلەر بىزلەرگە ساۋاق بولۇش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلگەنىدى. شۇنداقلا، بۇ ۋەقەلەر ئاخىر زاماندا ياشاۋاتقان بىزلەرنىڭ ئۇلاردەك بولۇپ قالماسلىقىمىز ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن خاتىرىلەنگەنىدى.
سەن ھازىر بىر مۇناجات يازغىن. ئۇنى ئىسرائىل خەلقىگە ئۆگەتكىن، ئۇلار ئۇنى ئېيتسۇن. بۇ ئۇلارنى ئەيىبلىگەنلىكىمگە گۇۋاھ بولىدۇ.
چۈنكى، ھەرقانداق ۋەھىي ئىنسانلارنىڭ ئىرادىسىدىن كەلمەيدۇ. ئەكسىچە، ئۇلار خۇدانىڭ سۆزلىرى بولۇپ، مۇقەددەس روھنىڭ تەسىرلەندۈرۈشى بىلەن يەتكۈزۈلگەن.
بۇ ئاۋاز: «كۆرىدىغانلىرىڭنى كىتاب قىلىپ ياز ۋە ئۇنى يەتتە ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە، يەنى ئەفەس، ئىزمىر، پەرگاما، تىياتىرا، ساردىس، فىلادېلفىيە ۋە لائودىكىيا شەھەرلىرىگە ئەۋەت» دېگەنىدى.
شۇنىڭ ئۈچۈن، كۆرگەنلىرىڭنى، يەنى ھازىر بولۇۋاتقان ۋە كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلارنى يېزىپ قالدۇر.