يەرەمىيا 30:19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى19 بۇ جايلاردىن تەشەككۈر ناخشىلىرى ۋە خۇشاللىق سادالىرى ئاڭلىنىدۇ. مەن خەلقىمنى كۆپەيتىمەن، ئۇلار ئازلاپ كەتمەيدۇ. مەن ئۇلارغا يۈز-ئابرۇي ئاتا قىلىمەن، ئەمدى ئۇلار ھەرگىز كەمسىتىلمەيدۇ. Faic an caibideil |
ئاراللار ماڭا ئۈمىدىنى باغلاپ، ماڭا ئىنتىزار بولماقتا، ئۇلارنىڭ يىراقتىكى تارشىشتىن كېلىدىغان كاتتا كېمىلىرى باشلامچى بولۇپ، پەرزەنتلىرىڭنى ھەم ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى يىراقتىن ئەكەلمەكتە، ئۇلار شۇنداق قىلىپ، مەن پەرۋەردىگارىڭنى، يەنى ئىسرائىل خەلقىنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدانى ھۆرمەتلەيدۇ، چۈنكى مەن پەرۋەردىگار سېنى شان-شەرەپكە ئېرىشتۈردۈم.
يېرۇسالېم ئەتراپىدىكى يېزىلاردىن، شۇنداقلا يەھۇدىيەنىڭ باشقا شەھەر-يېزىلىرىدىن، بىنيامىن زېمىنلىرىدىن، غەربىي ئېدىرلىقلاردىن، تاغلىق رايونلاردىن ۋە نەگېب چۆللۈكىدىن خەلقلەر كېلىپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ۋە باشقا قۇربانلىقلار، ئاشلىق ھەدىيەلىرى ۋە ئىسرىقلارنى سۇنىدۇ. ئۇلار يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا مىننەتدارلىق قۇربانلىقلىرىنىمۇ ئېلىپ كېلىدۇ.
بۇنداق ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشىڭلارنىڭ سەۋەبى ئېتىقادىڭلارنىڭ ساپلىقىنى ئىسپاتلاشتۇر. ھەقىقىي ساپ ئېتىقاد بولسا ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىكتۇر. گەرچە ئالتۇننىڭ ساپلىقىنى ئوتتا تاۋلاش ئارقىلىق ئىسپاتلىغىلى بولسىمۇ، ئۇ بىز ئۈچۈن بەرىبىر مەڭگۈلۈك بولالمايدۇ. ئېتىقادىڭلار ساپ بولسا، ئەيسا مەسىھ قايتا كەلگەن چاغدا بۇ ئېتىقاد سىلەرگە مەدھىيە، شان-شەرەپ ۋە ھۆرمەت ئېلىپ كېلىدۇ.