يەرەمىيا 30:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى14 بارلىق ئىتتىپاقداشلىرىڭلار سىلەرنى تاشلىۋەتتى، ئۇلارنىڭ سىلەر بىلەن كارى يوق. مەن سىلەرگە دۈشمىنىڭلاردەك ھۇجۇم قىلىپ، قاتتىق جازالىدىم، چۈنكى قىلمىشلىرىڭلار ئېغىر، گۇناھلىرىڭلار كۆپتۇر. Faic an caibideil |
ئۇلار ئىلاھ بائالغا ئاتاپ بەنھىننوم جىلغىسىدا سەجدىگاھلارنى سالدى. بۇ جايلاردا ئۆزلىرىنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىنى بۇت ئىلاھ مولەككە قۇربانلىق قىلدى. مەن ئۇلارغا بۇنداق يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلىشنى ئەمر قىلمىغان، ھەتتا ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان! مەن ئۇلارنى ھەرگىزمۇ گۇناھ قىلىشقا ئازدۇرمايمەن.
شۇڭا دۈشمەنلىرى ئۇلارنى خۇددى ئورمانلىقتىكى شىرلار ئولجىنى تىتقاندەك تىتىپ تاشلايدۇ. دۈشمەنلىرى ئۇلارنى قۇملۇقلاردىن كەلگەن بۆرىلەردەك يەۋېتىدۇ. دۈشمەنلىرى خۇددى يىلپىزلاردەك شەھەر سىرتىدا ساقلاپ يېتىپ، كىم سىرتقا چىقىشقا پېتىنسا شۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى چېكىگە يېتىپ، ئاسىيلىقلىرى تېخىمۇ كۈچەيدى.