يەرەمىيا 3:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى6 يەھۇدىيە پادىشاھى يوشىيا دەۋرىدە پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ ئىسرائىلىيەنىڭ قانچىلىك ساداقەتسىزلىكىنى كۆردۈڭمۇ؟ خۇددى ساداقەتسىز ئايالغا ئوخشاش، ئۇلار ئېگىز تاغلاردا ۋە بۈك-باراقسان دەرەخلەرنىڭ ئاستىدا بۇت ئىلاھلارغا چوقۇندى. Faic an caibideil |
ئىسرائىلىيەنىڭ بۇتلارغا چوقۇنۇپ، ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن، ئۇنىڭ تالاق خېتىنى بېرىپ، ئۇنى تاشلىۋەتكەنلىكىمنى يەھۇدىيە بىلدى. بىراق ئىسرائىلىيەنىڭ ماڭا ساداقەتسىز قېرىندىشى بولغان يەھۇدىيە بۇنىڭدىن ئىبرەت ئالماي، مەندىن قورقمىدى. ئۇمۇ خۇددى پاھىشىگە ئوخشاش، بۇت ئىلاھلارغا چوقۇنۇشقا باشلىدى.