Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەرەمىيا 3:24 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

24 بىز نومۇسسىزلارچە بۇتلارغا چوقۇنغانلىقىمىزدىن تارتىپ، ئەجدادلىرىمىز ئىشلەپ تاپقان ھەممە نەرسىمىز يوق بولدى، چارۋا ماللىرىمىز ۋە ئوغۇل-قىزلىرىمىزدىن ئايرىلدۇق.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەرەمىيا 3:24
12 Iomraidhean Croise  

ئەي يەھۇدىيەلىكلەر، قانچىلىك شەھىرىڭلار بولسا شۇنچىلىك بۇت ئىلاھىڭلار بار. يېرۇسالېمنىڭ كوچىلىرى قانچە كۆپ بولسا، سىلەرمۇ بائالنىڭ يىرگىنچلىك بۇتلىرى ئۈچۈن شۇنچە كۆپ قۇربانلىق سۇپىلىرىنى ياسىدىڭلار.


سىلەر گۈللەنگەن چاغدا مەن سىلەرگە سۆز قىلدىم، لېكىن سىلەر ئاڭلاشنى رەت قىلدىڭلار. سىلەر ئەزەلدىن سۆزلىرىمگە ئىتائەت قىلمىدىڭلار، مانا بۇ سىلەرنىڭ پۈتۈن ھاياتىڭلاردا قىلغانلىرىڭلار.


شۇڭلاشقا مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ھازىر سىلەردىن سورايمەن: نېمە ئۈچۈن ئۆزۈڭلارغا زىيان سالىدىغان بۇنداق رەزىل ئىشلارنى قىلىسىلەر؟ ئۆز ئەرلىرىڭلار، ئاياللىرىڭلار، بالىلىرىڭلار ۋە بوۋاقلىرىڭلارغا ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىپ ‹ھېچكىم ھايات قالمىسۇن› دەمسىلەر؟!


دۈشمەن ئاتلىرىنىڭ كىشنەشلىرى ئاللىقاچان دان شەھىرىگە ئاڭلاندى. ئايغىرلىرىنىڭ كىشنىگەن ئاۋازلىرى پۈتۈن زېمىندىكىلەرنى قورقۇتۇپ تىترەتتى. ئۇلار بۇ زېمىندىكى بارلىق نەرسىلەرنى گۇمران قىلىشقا كېلىدۇ! ئۇلار بۇ شەھەرنى ۋە بۇ شەھەردە ياشاۋاتقانلارنى ۋەيران قىلماقچى!»


كۆزلىرىڭلاردىن ياشلار تاراملاپ چۈشكۈچە، ئۇلار تېز كېلىپ سىلەر ئۈچۈن نالە-پەرياد قىلسۇن.


مەن سېنىڭ يېيىشىڭ ئۈچۈن بەرگەن سۈپەتلىك ئۇن، زەيتۇن يېغى ۋە ھەسەللەرنى ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئۇلارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق ھەدىيە سۈپىتىدە تىزىپ قويدۇڭ. بۇ مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


سەن يەنە ماڭا تۇغۇپ بەرگەن ئوغۇل-قىزلىرىڭنى بۇتلارغا قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇندۇڭ. ئەجەبا، سېنىڭ قىلغان باشقا بۇزۇقچىلىقلىرىڭ يەتمىگەنمىدى؟!


سەن ئاچا-سىڭىللىرىڭنى قوبۇل قىلغان ۋاقتىڭدا، بۇرۇن قىلغان قىلمىشلىرىڭنى ئويلاپ، نومۇس ھېس قىلىسەن. گەرچە بۇ ئىش بۇرۇن مەن سەن بىلەن تۈزگەن ئەھدىدە بولمىسىمۇ، لېكىن مەن ئۇلارنى سېنىڭ قىزلىرىڭ قىلىپ، ساڭا تاپشۇرۇپ بېرىمەن.


سېنىڭ بارلىق گۇناھلىرىڭنى ساقىت قىلغىنىمدا، بۇرۇن قىلغان قىلمىشلىرىڭنى ئويلاپ، نومۇس قىلغىنىڭدىن ئاغزىڭنى ئېچىشقا جۈرئەت قىلالمايسەن. بۇ مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.›»


ئۇ ئاسسۇرغا ئېلىپ بېرىلىپ، قۇدرەتلىك ئاسسۇر پادىشاھىغا سوۋغا قىلىنىدۇ. ئەفرايىم شەرمەندە بولىدۇ، ئىسرائىلىيە ئۈمىدىنى بۇتقا باغلىغانلىقى ئۈچۈن نومۇستا قالىدۇ.


لېكىن ئۇ ئۆزىگە ئاشلىق، شاراب، زەيتۇن يېغى ۋە ئالتۇن-كۈمۈش بەرگۈچىنىڭ مەن ئىكەنلىكىمنى بىلمىدى. ئۇ بۇلارنى بۇت ئىلاھى بائالغا ئىشلەتتى.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن دەسلەپ ئىسرائىللارنى تاپقاندا، خۇددى چۆللۈكتە ئۈزۈم تاپقاندەك بولغانىدىم، ئەجدادلىرىڭلارنى بىرىنچى قېتىم كۆرگەندە، خۇددى ئەنجۈر دەرىخىدىكى تۇنجى پىشقان ئەنجۈرلەرنى كۆرگەندەك بولغانىدىم. لېكىن ئۇلار بائال-پىئورغا كەلگەندە، ئۆزلىرىنى ئادەمنى نومۇس قىلدۇرىدىغان بۇتقا بېغىشلاشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزلىرى ياخشى كۆرگەن ئاشۇ بۇتقا ئوخشاش يىرگىنچلىك بولۇپ قالدى.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan