Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەرەمىيا 3:23 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

23 تاغلاردا يالغان بۇت ئىلاھلارغا چوقۇنۇشلىرىمىزنىڭ بىھۇدە ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتۇق. ئى پەرۋەردىگارىمىز خۇدا، پەقەت سەنلا خەلقىمىزنى قۇتقۇزالايسەن.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەرەمىيا 3:23
25 Iomraidhean Croise  

ئى پەرۋەردىگار، سەندىن كېلەر نىجاتلىق، ئۆز خەلقىڭنى قىلغايسەن بەرىكەتلىك. سېلاھ


نىجاتلىقىم، شان-شۆھرىتىم خۇدادىن كېلۇر، خۇدا مېنىڭ باشپاناھىم، قورام تېشىمدۇر.


ئاتلار جەڭ ئۈچۈن تەييار قىلىنار، بىراق غەلىبە پەقەت پەرۋەردىگاردىنلا بولار.


شۇ چاغدا ئىسرائىللارنىڭ قالغان ئاز بىر قىسمى، يەنى ياقۇپنىڭ ھايات قالغان ئەۋلادلىرى ئۆزلىرىنى مەغلۇپ قىلماقچى بولغان ئاسسۇرلارغا تايانماي، ئۆزلىرىنى پۈتۈنلەي پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇداغا تاپشۇرىدۇ.


بەرھەق، خۇدا قۇتقۇزغۇچىمدۇر! ئۇ مېنىڭ ئىشەنچىمدۇر، قورقمايمەن ھېچنېمىدىن. چۈنكى پەرۋەردىگار مېنىڭ مۇناجىتىم ۋە كۈچ-قۇدرىتىمدۇر، ئۇ مېنىڭ ھەم نىجاتكارىمدۇر.»


مەن يېگانە بىردىنبىر پەرۋەردىگارمەن، سىلەرنى مەندىن باشقا ھېچكىم قۇتقۇزالمايدۇ.


بۇتلارنى ياسىغان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئەخمەق، ئۇلار قەدىرلىگەن بۇتلارنىڭ ھېچقانداق قىممىتى يوقتۇر. بۇتلارغا چوقۇنغۇچىلار قارىغۇلاردۇر، ئۇلار نومۇسقا قالىدۇ.


ئەي، ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا، سەن بىزنىڭ قۇتقۇزغۇچىمىز. سەن ھەقىقەتەن ئۆزۈڭنى كۆرسەتمەيدىغان خۇدادۇرسەن!


لېكىن پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنى قۇتقۇزىدۇ، ئەي ئىسرائىللار، پەرۋەردىگار سىلەرگە مەڭگۈلۈك نىجاتلىق بېرىدۇ. سىلەر ھېچقاچان شەرمەندە بولمايسىلەر، مەڭگۈ نومۇستا قالمايسىلەر.


ئەي ئەللەردىكى ئامان قالغانلار، يىغىلىپ كېلىڭلار، يېقىنراق كېلىڭلار! ياغاچتىن ياسالغان، ئۆزلىرىنى قۇتقۇزالمايدىغان بۇتلارغا دۇئا قىلىپ، ئۇلارنى يۈدۈپ يۈرگەن ئادەملەر نېمىدېگەن ئەخمەق-ھە!


ئىدومدىكى بوزرادىن كېلىۋاتقان، قىزىل بويالغان تون كىيگەن، گۈزەل ياسانغان، چەكسىز قۇدرەتلىك، چوڭ قەدەملەر بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان كىم؟ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن غەلىبەمنى جاكارلايمەن، مەن سىلەرنى قۇتقۇزۇشقا قادىرمەن.»


گەرچە ئەجدادىمىز ئىبراھىم ۋە ياقۇپ بىزنى ئېتىراپ قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن سەن يەنىلا بىزنىڭ ئاتىمىزسەن، قەدىمدىن بۇيان «قوغدىغۇچىمىز» ئاتىلىپ كېلىۋاتىسەن.


سەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئۈمىدى، قىيىنچىلىق مەزگىللەردە بىزنى قۇتقۇزدۇڭ. لېكىن ھازىر نېمىشقا زېمىنىمىزدا يات ئادەمدەك تۇرىسەن، نېمە ئۈچۈن پەقەت بىر ئاخشاملا قونىدىغان يولۇچىدەك بولۇۋالىسەن؟


ئى پەرۋەردىگار، ئەگەر سەن مېنى ساقايتساڭ، مەن ھەقىقىي ساقايغان بولىمەن، ئەگەر سەن مېنى قۇتقۇزساڭ، مەن ھەقىقىي قۇتقۇزۇلغان بولىمەن، مەن سېنىلا مەدھىيەلەيمەن!


ھەتتا بالىلىرىڭلارمۇ دۆڭلەر ئۈستىدىكى بۈك-باراقسان ئۆسكەن دەرەخلەرنىڭ ئاستىغا جايلاشقان ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىغا ۋە قۇربانلىق سۇپىلىرىغا بېرىشنى ياخشى كۆرىدۇ.


يەھۇدىيە پادىشاھى يوشىيا دەۋرىدە پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ ئىسرائىلىيەنىڭ قانچىلىك ساداقەتسىزلىكىنى كۆردۈڭمۇ؟ خۇددى ساداقەتسىز ئايالغا ئوخشاش، ئۇلار ئېگىز تاغلاردا ۋە بۈك-باراقسان دەرەخلەرنىڭ ئاستىدا بۇت ئىلاھلارغا چوقۇندى.


پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ياقۇپ ئەۋلادلىرى ئۈچۈن خۇشاللىق ناخشىلىرىنى ئېيتىڭلار، ئەڭ بۈيۈك خەلق ئۈچۈن تەنتەنە قىلىڭلار! ھەمدۇسانا ئوقۇپ مۇنداق دەڭلار: ‹ئى پەرۋەردىگار، خەلقىڭ ئىسرائىللاردىن ھايات قالغانلارنى قۇتقۇزغىن.›


مەن ئۇلارغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىنغا ئۇلارنى باشلاپ كىرگەندىن كېيىن، ئۇلار ھەربىر ئېگىزلىكنى، ھەربىر بۈك-باراقسان دەرەخنى كۆرگەن ھامان، ئۇ يەرلەردە قۇربانلىق قىلىپ، بۇتلارنى قويۇپ، خۇش پۇراقلىق ھەدىيەلەرنى كۆيدۈرۈپ، شاراب سۇنۇپ، غەزىپىمنى قوزغىدى.


لېكىن مەن يەھۇدىيە خەلقىگە ئىچ ئاغرىتىمەن. مەن پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ خۇداسىدۇرمەن. مەن ئۇلارنى قۇتۇلدۇرىمەن، ئۇلارنى ئوقيا، قىلىچ، ئۇرۇش، ئات ياكى چەۋەندازلار بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆز قۇدرىتىم بىلەن قۇتۇلدۇرىمەن.


سىلەر سامارىيىلىكلەر خۇداغا ئىبادەت قىلغان بىلەن ئۇنى بىلمەيسىلەر. بىراق، بىز يەھۇدىيلار كىمگە ئىبادەت قىلغىنىمىزنى بىلىمىز. چۈنكى، قۇتقۇزۇلۇش يەھۇدىيلار ئارقىلىق دۇنياغا كېلىدۇ.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan