يەرەمىيا 3:19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى19 ئەي ئىسرائىل خەلقىم، مەن ئىچىمدە مۇنداق ئويلىغانىدىم: خۇرسەنلىك بىلەن سىلەرنى ‹ئوغلۇم› دەپ بىلىشنى خالايتتىم، جاھاندىكى ئەڭ ئېسىل، ئەڭ گۈزەل زېمىننى سىلەرگە ئاتا قىلماقچىدىم. مېنى ‹ئاتام› دەپ ئاتاپ، مەندىن يۈز ئۆرۈمەسلىكىڭلارنى ئۈمىد قىلىپ كەلگەنىدىم. Faic an caibideil |
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي يېرۇسالېم، قانداقمۇ سېنى كەچۈرەلەيمەن؟ سېنىڭ خەلقىڭ مېنى رەت قىلغان تۇرسا! ئۇلار ھەقىقىي خۇدا بولمىغان بۇتلارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلدى. گەرچە مەن ئۇلارنىڭ بارلىق ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرغان بولساممۇ، ئۇلار ماڭا خۇددى ئېرىگە ساداقەتسىز ئايالدەك مۇئامىلە قىلدى. ئۇلار توپلىشىپ، پاھىشىخانىلارغا ئالدىرىدى.