15 مەن سىلەرگە ماڭا ساداقەتمەن يولباشچىلارنى بېرىمەن. ئۇلار سىلەرنى ئەقىل-پاراسەت ۋە ھېكمەت بىلەن يېتەكلەيدۇ.
ھەققانىينىڭ سۆزى كۆپكە ئوزۇق بولار، ئەخمەقلەر ئەقىلسىزلىقىدىن ھالاك بولار.
مەن ئۇلارغا ياخشى يول باشلايدىغان سەركىلەرنى تىكلەيمەن. ئاندىن ئۇلار ھەرگىزمۇ قورقۇپ، ۋەھىمىگە چۈشمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى يوقاپ كەتمەيدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.
ئەي ئەللەر، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار. بۇ سۆزلەرنى يىراق ئاراللارغا يەتكۈزۈڭلار: «ئىسرائىل خەلقىنى تارقىتىۋەتكۈچى پەرۋەردىگار ئۇلارنى يەنە جەم قىلىدۇ، ئۇلارنى خۇددى پادىلىرىغا قارىغان پادىچىغا ئوخشاش قوغدايدۇ» دەڭلار.
_ ئەي ئادەم بالىسى، سەن ئىسرائىللارنىڭ يېتەكچىلىرىگە قارشى ۋەھىيىمنى يەتكۈزۈپ، ئۇلارغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي پەقەت ئۆزىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئىسرائىللارنىڭ يېتەكچىلىرى! قويچىلارنىڭ قويلىرى بىلەن كارى بولماسلىقى كېرەكمۇ؟!
ئۇلارغا خىزمەتكارىم داۋۇتنىڭ ئەۋلادىدىن بىر قويچى تەيىنلەيمەن. ئۇ ئۇلارغا قويچى بولۇپ، ئۇلارنى باقىدۇ.
خىزمەتكارىم بولغان داۋۇتنىڭ ئەۋلادىدىن پادىشاھ چىقىپ، ئۇلارنىڭ پادىشاھى بولىدۇ. ئۇ ئىسرائىللارنىڭ بىردىنبىر قويچىسى بولىدۇ. ئۇلار مېنىڭ قانۇنلىرىمغا رىئايە قىلىدۇ، بەلگىلىمىلىرىمگە چىن قەلبىدىن بويسۇنىدۇ.
ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - كىم ئىشەنچلىك ۋە زېرەك چاكار بولسا، خوجايىن ئۇنى باشقا چاكارلىرى ئۈستىدىن كۆزىتىپ، خوجايىننىڭ ئوزۇق-تۈلۈكىنى ئۇلارغا ۋاقتى-ۋاقتىدا تەقسىم قىلىپ بېرىشكە قويىدۇ.
ئۆزۈڭلارغا پەخەس بولۇڭلار، مۇقەددەس روھ سىلەرنىڭ باشلامچىلىق قىلىشىڭلارغا تاپشۇرغان بارلىق قېرىندىشىڭلارغىمۇ پەخەس بولۇڭلار! پادىچى قويلىرىنى باققاندەك، سىلەرمۇ خۇدانىڭ جامائەتچىلىكىنى بېقىڭلار، چۈنكى خۇدا ئۇلارنى ئۆز ئوغلىنىڭ قېنىغا سېتىۋالغان!
ئەلۋەتتە، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغۇچىلار بىزنىڭ يەتكۈزۈۋاتقانلىرىمىزدا دانالىقنىڭ بارلىقىنى تونۇپ يېتەلەيدۇ. بىراق، بۇ دانالىق دۇنيانىڭ دانالىقى ئەمەس، شۇنداقلا بۇ دۇنيانىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتقان ھوقۇقدارلىرىنىڭ دانالىقىمۇ ئەمەس؛
سىلەر رەببىمىزنىڭ مېھىر-شەپقىتىدىن بەھرىمەن بولغانىكەنسىلەر، خۇددى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق ئانىنىڭ سۈتىگە تەشنا بولغاندەك، سىلەرمۇ خۇدانىڭ ساپ سۆزىگە تەشنا بولۇڭلار. بۇنىڭ بىلەن، سىلەر ئۈزۈل-كېسىل قۇتقۇزۇلغۇچە، ئېتىقادتا ئۆسۈپ يېتەلەيسىلەر.
ئەمدى سېنىڭ پادىشاھلىق ئورنۇڭ ئۇزاققا بارمايدۇ. پەرۋەردىگار ئۆز كۆڭلىگە مۇۋاپىق بىر ئادەمنى تاپىدۇ. ئۇنى ئۆز خەلقىنىڭ بېشى قىلىدۇ. چۈنكى سەن پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغان ئەمرىگە رىئايە قىلمىدىڭ، _ دېدى.