Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەرەمىيا 3:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

14 مەن يەنە شۇنداق دەيمەنكى، ئەي ساداقەتسىز بالىلىرىم، مېنىڭ يولۇمغا قايتىڭلار. مەن سىلەرنىڭ خوجايىنىڭلار. ئەگەر يولۇمغا قايتساڭلار، ھەربىر شەھەردىن بىرىڭلارنى ۋە ھەربىر جەمەتتىن ئىككىڭلارنى سىئون تېغىغا قايتۇرۇپ كېلىمەن.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەرەمىيا 3:14
31 Iomraidhean Croise  

چاپارمەنلەر پادىشاھنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن پادىشاھ ۋە ئەمەلدارلارنىڭ چاقىرىق مەكتۇپىنى ئېلىپ، پۈتۈن ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيەنى ئايلاندى. چاقىرىقتا مۇنداق دېيىلگەنىدى: _ ئەي ئىسرائىللار، سىلەر ئىبراھىم، ئىسھاق، ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ يولىغا قايتىڭلار. شۇندىلا ئۇ ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ قولىدىن قېچىپ قۇتۇلغان سىلەرگە قايتا يار بولىدۇ.


ئەگەر قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئاز بىر قىسمىمىزنى ئامان قالدۇرمىغان بولسا ئىدى، بىز رەزىللىكىدىن تۈپتۈز قىلىنغان سودوم شەھىرىدەك بولاتتۇق، بىز رەزىللىكىدىن ۋەيران قىلىنغان گومورا شەھىرىدەك بولاتتۇق.


ئەي ئىسرائىللار! سىلەرنىڭ خەلقىڭلار دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ئاز بىر قىسمىڭلارلا يۇرتىڭلارغا قايتالايسىلەر. سىلەرنىڭ گۇمران بولۇشۇڭلارنى خۇدا ئاللىقاچان قارار قىلغان، مانا بۇ ئادىللىقتۇر.


مېۋىلىرى قېقىۋېلىنغان زەيتۇن دەرىخىنىڭ شاخلىرىدا قېپقالغان نەچچە تال زەيتۇندەك، تۆت-بەش تال مېۋىسى قالغان دەرەختەك، پەقەت ساناقلىقلا ئادەم قالىدۇ.» مانا بۇ، پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانىڭ سۆزلىرىدۇر.


بىر ۋاقىت كېلىدۇكى، پەرۋەردىگار سىلەر ئىسرائىللارنى، فىرات دەرياسى ۋە مىسىر چېگراسىدىكى دەريانىڭ ئارىلىقىدىكى يەرلەردىن، خۇددى بۇغداينى ساماندىن ئايرىغاندەك ئايرىپ، بىر-بىرلەپ يىغىۋالىدۇ.


ئەي ئىسرائىل خەلقى، سىلەر شۇ قەدەر ۋاپاسىزلىق بىلەن ئاسىيلىق قىلدىڭلار. ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ يولىغا قايتىڭلار!


مەن سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى ئۆچۈرۈۋەتتىم، گۇناھىڭلار بۇلۇتلاردەك، ئەتىگەندىكى تۇماندەك غايىب بولدى. يولۇمغا قايتىڭلار، چۈنكى مەن سىلەرنى ئۆزۈمگە قايتۇردۇم.»


چۈنكى مەن سېنىڭ ياراتقۇچۇڭ، سېنىڭ ئېرىڭدۇرمەن، مېنىڭ نامىم: ‹قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار›دۇر. مەن ئىسرائىل خەلقىنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا سېنىڭ قوغدىغۇچىڭدۇرمەن. مەن ‹پۈتكۈل يەر يۈزىنىڭ خۇداسى› دەپ ئاتىلىمەن.


رەزىل ئادەملەر رەزىللىك قىلىشتىن توختىسۇن، گۇناھكار ئادەملەر يامان نىيەتلىرىدىن يانسۇن، ئۇلار پەرۋەردىگارىمىزنىڭ يولىغا قايتسۇن، پەرۋەردىگار ئۇلارغا رەھىمدىللىك كۆرسىتىدۇ. ئۇلار خۇدانىڭ يولىغا قايتسۇن، ئەپۇچان خۇدايىمىز ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرىدۇ.


مەن ئىنساننىڭ ئاچكۆزلۈكى سەۋەبىدىن غەزىپىم كېلىپ، ئۇنىڭغا زەربە بېرىمەن، يۈزۈمنى ئۆرۈپ غەزەپلىنىمەن. ئەمما ئۇ يەنىلا ئۆزى بىلگەن يامان يولىدا مېڭىۋېرىدۇ.


بۇ زېمىندا خەلقنىڭ ئوندىن بىرى قالسىمۇ، زېمىن يەنىلا ۋەيران قىلىنىدۇ. لېكىن خۇددى پىستە ۋە دۇپ دەرەخلىرى كېسىلىپ، كۆتىكى قالسىمۇ يەنە كۆكلىگەندەك، ئۇلارمۇ كۆكلەيدۇ. مۇقەددەس ئۇرۇق _ شۇ كۆتەكتۇر.»


ئۆزۈڭلارنىڭ رەزىللىكىڭلار بېشىڭلارغا چىقىدۇ. ساداقەتسىزلىكىڭلار ئۆزۈڭلارغا جازا ئەكېلىدۇ. مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادىن يۈز ئۆرۈپ، مەندىن قورقماسلىقىڭلارنىڭ سىلەرگە قانچىلىك زور بالايىئاپەت ئەكېلىدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىڭلار. بۇ مەن ئىگەڭلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


_ سەن يېرۇسالېمغا بېرىپ، يېرۇسالېمنىڭ خەلقىگە مېنىڭ بۇ سۆزلىرىمنى جاكارلىغىن: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹سىلەر ياش ۋاقتىڭلاردىكى ساداقىتىڭلار ۋە يېڭى توي قىلغان ۋاقتىڭلاردىكى مۇھەببىتىڭلار بىلەن ماڭا ئەگىشىپ، ھوسۇل چىقمايدىغان چۆل-جەزىرىلەرگىچە قانداق بارغىنىڭلار ئېسىمدە.


كېيىن مەن ئۆزۈم ھەر قايسى ئەللەرگە سۈرگۈن قىلىۋەتكەن خەلقىمنىڭ ھايات قالغانلىرىنى يىغىمەن. مەن ئۇلارنى ئۆز زېمىنىغا قايتۇرۇپ ئەكېلىمەن. ئۇلارنىڭ سانى ھەسسىلەپ كۆپىيىدۇ.


مېنى تاپالايسىلەر. مەن سىلەرنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرىمەن. مەن سىلەرنى تارقىتىۋەتكەن يات ئەللەر ۋە ئۇلارنىڭ زېمىنلىرىدىن يىغىپ، ئۆز زېمىنىڭلارغا، يەنى سىلەر بۇرۇن ئايرىلغان جايىڭلارغا قايتۇرۇپ كېلىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!›


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر بىر ئادەم ئايالىنى قويۇۋەتسە، ئۇ ئايال ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ، باشقا بىرىگە خوتۇن بولۇپ كەتسە، ئالدىنقى ئېرى ئۇ ئايالنى قايتا نىكاھىغا ئالسا بولامدۇ؟! بۇنداق بىمەنىچىلىك پۈتۈن يۇرتنى بۇلغىمامدۇ؟! شۇنىڭغا ئوخشاش سىلەر ئىسرائىللار خۇددى پاھىشىلەردەك پەرۋەردىگارغا ساداقەتسىزلىك قىلىپ، ئۆزۈڭلارنى نۇرغۇن بۇت ئىلاھلارغا ئاتىۋەتتىڭلار. سىلەر قايسى يۈزۈڭلار بىلەن ‹بىز پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا قايتىپ بارالايمىز› دەپ ئويلايسىلەر؟


سەن بېرىپ، شىمالدىكى ئەللەرنىڭ ئارىسىدا ياشايدىغان خەلقىمگە بۇ سۆزلەرنى جار سېلىپ ئېيتقىن: «ئەي ۋاپاسىز ئىسرائىلىيە! مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە مۇنداق دەيمەن: مېنىڭ يولۇمغا قايتىڭلار! مەن سىلەردىن نارازى بولىۋەرمەيمەن. مەن مېھىر-شەپقەتلىك، مەن سىلەرگە ئۈزلۈكسىز غەزەپلىنىۋەرمەيمەن.


ئىسرائىلىيەنىڭ بۇتلارغا چوقۇنۇپ، ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن، ئۇنىڭ تالاق خېتىنى بېرىپ، ئۇنى تاشلىۋەتكەنلىكىمنى يەھۇدىيە بىلدى. بىراق ئىسرائىلىيەنىڭ ماڭا ساداقەتسىز قېرىندىشى بولغان يەھۇدىيە بۇنىڭدىن ئىبرەت ئالماي، مەندىن قورقمىدى. ئۇمۇ خۇددى پاھىشىگە ئوخشاش، بۇت ئىلاھلارغا چوقۇنۇشقا باشلىدى.


ئۇلار قايتىپ كېلىپ، خۇشاللىقلىرىدىن سىئون تېغىدا تەنتەنە قىلىشىدۇ. ئۇلار پەرۋەردىگار ئاتا قىلغان ئاشلىق، شاراب، زەيتۇن يېغى، پاقلان، ئوغلاق ۋە موزاي گۆشلىرىدىن شاد-خۇراملىققا چۆمىدۇ. ئۇلار ياخشى سۇغۇرۇلغان بىر باغقا ئوخشاش بولىدۇ، ئەمدى ئۇلار ھەرگىز مادارسىزلانمايدۇ.


بۇ ئەھدە، مەن ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىنى قولىدىن يېتىلەپ، مىسىردىن ئېلىپ چىققاندا تۈزگەن بۇرۇنقى ئەھدىگە ئوخشىمايدۇ. مەن بۇرۇن ئۇلارغا ساداقەتمەن ئەر بولغان بولساممۇ، ئۇلار يەنىلا ئەھدىنى بۇزدى.


شۇنداق بىر ۋاقىتلار كېلىدۇكى، ئەفرايىم تاغلىرىدىكى قاراۋۇللار: ‹كېلىڭلار! سىئونغا بېرىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا ئىبادەت قىلايلى!› دەپ جاكارلايدۇ.»


ئۇلار گۇناھىنى تونۇپ، مېنى ئىزدىمىگۈچە، ئۇلاردىن ئايرىلىپ تۇرىمەن. ئۇلار ئازاب تارتقان كۈنلىرىدە مېنى چىن قەلبىدىن ئىزدەيدۇ».


سىلەر ئەجدادلىرىڭلارنىڭ جاھىللىقىنى دورىماڭلار. بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەر ئۇلارغا مېنىڭ: ‹يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، رەزىل ئىشلاردىن قول ئۈزۈڭلار!› دېگەن سۆزلىرىمنى جاكارلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار سۆزۈمگە قۇلاق سالمىدى ھەم ماڭا ئىتائەت قىلمىدى.


يەشايا پەيغەمبەرمۇ ئىسرائىللار توغرىسىدا مۇنداق جاكارلىغانىدى: «ئىسرائىللارنىڭ سانى دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك كۆپ بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمى قۇتقۇزۇلىدۇ.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan