يەرەمىيا 3:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى12 سەن بېرىپ، شىمالدىكى ئەللەرنىڭ ئارىسىدا ياشايدىغان خەلقىمگە بۇ سۆزلەرنى جار سېلىپ ئېيتقىن: «ئەي ۋاپاسىز ئىسرائىلىيە! مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە مۇنداق دەيمەن: مېنىڭ يولۇمغا قايتىڭلار! مەن سىلەردىن نارازى بولىۋەرمەيمەن. مەن مېھىر-شەپقەتلىك، مەن سىلەرگە ئۈزلۈكسىز غەزەپلىنىۋەرمەيمەن. Faic an caibideil |
ئەگەر سىلەر ئۇنىڭ يولىغا قايتساڭلار، ئۇ قېرىندىشىڭلارنى، قىز-ئوغۇللىرىڭلارنى تۇتۇپ كەتكەن دۈشمىنىڭلارنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغاپ، ئۇلارنىڭ بۇ زېمىنغا ئامان-ئېسەن قايتىپ كېلىشىگە يول قويىدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا رەھىمدىل ۋە شەپقەتلىكتۇر. سىلەر ئۇنىڭ يولىغا قايتساڭلار، ئۇ سىلەرنى يەنە قوبۇل قىلىدۇ.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر بىر ئادەم ئايالىنى قويۇۋەتسە، ئۇ ئايال ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ، باشقا بىرىگە خوتۇن بولۇپ كەتسە، ئالدىنقى ئېرى ئۇ ئايالنى قايتا نىكاھىغا ئالسا بولامدۇ؟! بۇنداق بىمەنىچىلىك پۈتۈن يۇرتنى بۇلغىمامدۇ؟! شۇنىڭغا ئوخشاش سىلەر ئىسرائىللار خۇددى پاھىشىلەردەك پەرۋەردىگارغا ساداقەتسىزلىك قىلىپ، ئۆزۈڭلارنى نۇرغۇن بۇت ئىلاھلارغا ئاتىۋەتتىڭلار. سىلەر قايسى يۈزۈڭلار بىلەن ‹بىز پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا قايتىپ بارالايمىز› دەپ ئويلايسىلەر؟