Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەرەمىيا 3:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر بىر ئادەم ئايالىنى قويۇۋەتسە، ئۇ ئايال ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ، باشقا بىرىگە خوتۇن بولۇپ كەتسە، ئالدىنقى ئېرى ئۇ ئايالنى قايتا نىكاھىغا ئالسا بولامدۇ؟! بۇنداق بىمەنىچىلىك پۈتۈن يۇرتنى بۇلغىمامدۇ؟! شۇنىڭغا ئوخشاش سىلەر ئىسرائىللار خۇددى پاھىشىلەردەك پەرۋەردىگارغا ساداقەتسىزلىك قىلىپ، ئۆزۈڭلارنى نۇرغۇن بۇت ئىلاھلارغا ئاتىۋەتتىڭلار. سىلەر قايسى يۈزۈڭلار بىلەن ‹بىز پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا قايتىپ بارالايمىز› دەپ ئويلايسىلەر؟

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەرەمىيا 3:1
34 Iomraidhean Croise  

ئاتاپ كەنئاندىكى بۇتلارغا، ئۇلار تۆكتى قىز-ئوغۇللىرىنىڭ بىگۇناھ قانلىرىنى، قانلار بۇلغىدى زېمىننى.


كىشىلەر پەرۋەردىگارنىڭ تەلىمىگە بويسۇنمىغانلىقتىن، ئۇلار ئۇنىڭ پەرمانلىرىدىن يۈز ئۆرۈگەنلىكتىن، ئۇنىڭ بىلەن بولغان مەڭگۈلۈك ئەھدىنى بۇزغانلىقتىن، يەر يۈزى بۇلغىنىپ كېتىدۇ.


ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان ھۆكۈمرانلىقىمدىن يۈز ئۆرۈپ، مەن پەرۋەردىگارغا ئىتائەت قىلمىدىڭلار. سىلەر: ‹ساڭا ئېتىقاد قىلمايمىز› دېدىڭلار. سىلەر ئېگىز تاغلاردا ۋە بۈك-باراقسان دەرەخلەرنىڭ ئاستىدا خۇددى پاھىشە ئايالغا ئوخشاش ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلىپ، بۇتلارغا سەجدە قىلدىڭلار.


سىلەر: ‹بىز ئۆزىمىزنى بۇلغىمىدۇق! بائالنىڭ بۇتلىرىغا چوقۇنمىدۇق!› دېدىڭلار. ئەمما قانداقمۇ شۇنداق دېيەلەيسىلەر؟ بەنھىننوم جىلغىسىدا ئۆتكۈزگەن قىلمىشىڭلارغا قاراڭلار! ئۆزۈڭلار ئۇ يەردە ئۆتكۈزگەن ئېغىر گۇناھلىرىڭلار ئۈستىدە ئويلىنىڭلار! سىلەر خۇددى چىشى تۆگە كۈيلەش مەزگىلىدە جۈپ ئىزدىگەندەك، بۇتلارنى ئىزدەپ يۈرىسىلەر.


مەن سىلەرنى مېۋىلەر ۋە ئېسىل نەرسىلەردىن ھۇزۇرلانسۇن دەپ، بۇ مۇنبەت زېمىنغا ئېلىپ كەلگەنىدىم. بىراق مېنىڭ زېمىنىمغا كىرگەندىن كېيىن، ئۇنى بۇلغىدىڭلار. ماڭا تەئەللۇق بولغان بۇ زېمىننى يىرگىنچلىك جايغا ئايلاندۇرۇپ قويدۇڭلار.


ئەي يېرۇسالېم خەلقى، لىۋان تاغلىرىغا بېرىپ يىغلاڭلار، باشان رايونىدا ۋارقىراپ، موئابتىكى ئابارىم تاغلىرىدا ھۆركىرەپ يىغلاڭلار. چۈنكى سىلەر تايانغان بارلىق ئىتتىپاقداشلىرىڭلار يېڭىلىپ قالدى.


ئەي ساداقەتسىز ئىسرائىل خەلقىم، مېنىڭ يولۇمغا قايتىڭلار. مەن سىلەرنىڭ ساداقەتسىزلىكىڭلارنى ساقايتىشنى خالايمەن. سىلەرنىڭ مۇنداق دېيىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن: ‹مانا، بىز يېنىڭغا كەلدۇق، چۈنكى سەن بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز خۇدادۇرسەن.


ئۇ ئۆزىنىڭ قىلغان ساداقەتسىزلىكىگە سەل قاراپ، ياغاچ ۋە تاشلاردىن ياسالغان بۇتلارغا چوقۇنۇپ، زېمىننى بۇلغىدى.


مېنىڭ ساداقەتسىز قىزىم، قاچانغىچە سەرگەردان بولۇپ يۈرىسەن؟ چۈنكى مەن پەرۋەردىگار دۇنيادا يېڭى بىر ئىش قىلىمەن: خۇددى ئايالى ئېرىنى قوغدىغىنىدەك غەلىتە بىر ئىش يۈز بېرىدۇ.»


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي ئىسرائىللار، ئەگەر مېنىڭ يولۇمغا قايتماقچى بولساڭلار، سىلەر چوقۇم بۇ يىرگىنچلىك بۇتلارنى كۆزۈمدىن يوقىتىشىڭلار ۋە قايتا مېنىڭ يولۇمدىن ئەسلا ئازماسلىقىڭلار كېرەك.


ئەي يېرۇسالېم خەلقى، قەلبىڭلاردىكى رەزىللىكلەرنى يۇيۇۋېتىڭلار، شۇندىلا ئامان قالىسىلەر. يامان نىيەتلىرىڭلارنى يەنە قاچانغىچە قەلبىڭلاردا ساقلايسىلەر؟


يىغلايدۇ ئۇ كېچىلىرى، مەڭزىلىرى تولار ياشقا، ئاشنىلىرىدىن ھېچكىم بەرمەس تەسەللى ئۇنىڭغا، دوستلىرىمۇ يۈز ئۆرۈپ، دۈشمەن بولدى ئۇنىڭغا.


ھەتتا ئىشقىۋاز قوشنىمىز مىسىرلىقلار بىلەنمۇ بۇزۇقچىلىق قىلىپ، غەزىپىمنى قوزغىدىڭ.


مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيمەن: ‹سېنىڭ شاللاقلىقىڭ چېكىگە يەتتى، سەن نومۇسنى بىلمەيدىغان بىشەم پاھىشىگە ئوخشايسەن.


ئەي پاھىشە يېرۇسالېم، سۆزلىرىمگە قۇلاق سال.


مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، رەزىللەرنىڭ ھالاكىتىدىن خۇرسەن بولمايمەن، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ يامان يوللىرىدىن يېنىپ، ھايات قېلىشىنى خالايمەن. ئەي ئىسرائىل خەلقى، يېنىڭلار، يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىڭلار! نېمىشقا ئۆزۈڭلارنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىسىلەر؟


پەرۋەردىگاردىن ھوشىياغا تۇنجى قېتىم ۋەھىي كەلگەن چاغدا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: «سەن بىر پاھىشەنى خوتۇنلۇققا ئالغىن. ئۇ ساڭا باشقا ئەرلەردىن پەرزەنتلەر تۇغۇپ بېرىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، بۇ زېمىندىكى كىشىلەرمۇ مەن پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈپ، ساداقەتسىزلىك قىلماقتا» دېگەنىدى.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەيىبلەڭلار، ئاناڭلارنى ئەيىبلەڭلار! ئۇ ئەمدى مېنىڭ خوتۇنۇم ئەمەس، مەنمۇ ئۇنىڭ ئېرى ئەمەس. يۈزىدىكى پاھىشىلىك جىلۋىلىرىنى، ئۈستىدىكى ئۇياتسىز كىيىملىرىنى يوقاتسۇن.


ئورنۇڭلاردىن قوپۇڭلار! بۇ يەردىن كېتىڭلار. بۇ زېمىن ئەمدى سىلەرگە خاتىرجەم ماكان بولالمايدۇ! بۇ زېمىننى سىلەر گۇناھىڭلار بىلەن بۇلغىدىڭلار، ئۇنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلدىڭلار.


شۇڭا سەن خەلققە مۇنداق دېگىن: «مەنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەنكى، سىلەر مېنىڭ يولۇمغا قايتىپ كېلىڭلار، مەنمۇ سىلەرگە قايتاي.


- سىلەر «كىمدەكىم ئايالىنى تالاق قىلسا، تالاق خېتىنى بەرسۇن» دېگەن تەلىمنىمۇ ئاڭلىغان.


ئۇ ئادەم قىزنى ئاتىسىنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارسۇن. شەھەردىكى ئەرلەر ئۇ قىزنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرسۇن. چۈنكى ئۇ قىز تويدىن ئىلگىرى بۇزۇقچىلىق قىلىپ، ئىسرائىللارنى شەرمەندە قىلدى. شۇنداق قىلىپ ئاراڭلاردىكى رەزىللىكنى يوقىتىڭلار.


بىراق ئۇنىڭ توقىلى بۇزۇقچىلىق قىلىپ، ئېرىنى تاشلاپ، يەھۇدا زېمىنىدىكى بەيتلەھەم شەھىرىدە ياشايدىغان ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىۋېلىپ، ئۇ يەردە تۆت ئاي تۇردى.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan