Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەرەمىيا 27:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 ئاندىن پادىشاھ زىدقىيا بىلەن كۆرۈشكىلى يېرۇسالېمغا كەلگەن ئىدوم، موئاب، ئاممون، تىر ۋە سىدوننىڭ ئەلچىلىرى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىغا بۇ سۆزلەرنى يەتكۈزگىن.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەرەمىيا 27:3
12 Iomraidhean Croise  

ئۇنىڭ ئۈستىگە، بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر ئۇنى خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلدۇرغان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا نىبۇكادنەزەرگە ئاسىيلىق قىلدى. ئۇ بوينى ۋە دىلىنى قاتتىق قىلىپ، ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ يولىغا قايتمىدى.


ئەي سىدون شەھىرى، سېنىڭ يۈزۈڭ تۆكۈلىدۇ! چۈنكى تىر شەھىرى، يەنى دېڭىز بويىدىكى قۇرغان مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ ئەزەلدىن بالىلىرىم يوق، مەن ئەزەلدىن ئوغۇل-قىزلارنى باقمىغان.»


ئاندىن مەنكى يەرەمىيا ئوخشاش بىر ۋەھىينى يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىياغا تەكرارلاپ، مۇنداق دېدىم: _ ئەگەر سىلەر ياشاشنى خالىساڭلار، بابىل پادىشاھىنىڭ بويۇنتۇرۇقىغا كىرىڭلار، ئۇنىڭغا بويسۇنۇڭلار. ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە خىزمەت قىلىڭلار.


ئەلچىلەرنىڭ ئۆز پادىشاھلىرىغا يەتكۈزۈشى ئۈچۈن بۇ سۆزلەرنى ئېيتقىن: «قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا پادىشاھلىرىڭلارغا بۇ سۆزلەرنى يەتكۈزۈشۈڭلارنى ئەمر قىلدى:


يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىيانىڭ يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا، يەنى ئۇنىڭ ھوقۇق يۈرگۈزگىنىگە تۆت يىل بەش ئاي بولغان ۋاقىتتا، ئاززۇرنىڭ ئوغلى، يەنى گىبئونلۇق پەيغەمبەر خانانيا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا يەرەمىياغا سۆز قىلدى. ئۇ روھانىيلار ۋە بارلىق كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:


_ ئەي ئادەم بالىسى، بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر تىر شەھىرىگە قارشى شىددەتلىك ئۇرۇش ئېلىپ باردى. ئۇرۇشنىڭ شىددەتلىكىدىن دۇبۇلغىلار لەشكەرلەرنىڭ باشلىرىنى يالىدى، ئېغىر يۈكلەر مۈرىلىرىنى يېغىر قىلدى. لېكىن ئۇلار تۆلىگەن بەدەللىرىگە لايىق تىردىن ھېچقانداق ئولجىغا ئېرىشەلمىدى.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «تىر خەلقى گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ قىلدى. مەن ئۇلارنى جازالىماي قويمايمەن! ئۇلار يېزىلاردىكى پۈتۈن كىشىلەرنى ئىدومغا قۇللۇققا سېتىپ، ئۆزلىرى تۈزگەن ئىتتىپاقداشلىق ئەھدىسىنى بۇزدى.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan