Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەرەمىيا 27:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

21 قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ئىبادەتخانا، يەھۇدىيە پادىشاھى ئوردىسى ۋە يېرۇسالېمدا قالغان قىممەتلىك بۇيۇملار توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ:

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەرەمىيا 27:21
9 Iomraidhean Croise  

پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «قۇلاق سال! شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇكى، ئۇ چاغدا سېنىڭ ئەجدادلىرىڭ ھازىرغىچە توپلىغان بارلىق بايلىقلار بابىلغا توشۇپ كېتىلىدۇ، ھېچ نەرسەڭ قالمايدۇ.


بابىل پادىشاھى خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى بارلىق چوڭ-كىچىك بۇيۇملارنى، قىممەتلىك نەرسىلەرنى، پادىشاھ خەزىنىسىدىكى ۋە ئەمەلدارلارنىڭ ئۆيلىرىدىكى بارلىق بايلىقلارنى، قىسقىسى ھەممىنى بابىلغا ئېلىپ كەتتى.


ھەممىسى بولۇپ 5400 دانە ئالتۇن-كۈمۈش قاچا-قۇچا بولدى. سۈرگۈندىكىلەر بابىلدىن يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلگەندە، شېشباسسار بۇ قاچا-قۇچىلارنى بىرگە ئېلىپ كەلدى.


پادىشاھ كورەش ئۇلارغا بۇرۇنقى پادىشاھ نىبۇكادنەزەر يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىدىن ئولجا ئېلىپ ئۆز بۇتخانىسىغا قويغان قاچا-قۇچىلارنى قايتۇرۇپ بەردى.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇكى: «قۇلاق سال! شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇكى، ئۇ چاغدا سېنىڭ ئەجدادلىرىڭ ھازىرغىچە توپلىغان بارلىق بايلىقلىرىڭ بابىلغا توشۇپ كېتىلىدۇ، ھېچ نەرسەڭ قالمايدۇ.


مەن بۇ شەھەردىكى بارلىق بايلىقلارنى دۈشمەنلىرىڭلارغا بېرىمەن. مەن بارلىق مەھسۇلاتلار، قىممەتلىك نەرسىلەر ۋە يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ مال-مۈلكىنى دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. ئۇلار ھەممە نەرسىنى ئولجا قىلىپ، بابىلغا ئېلىپ كېتىدۇ.


بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر يىھوياقىمنىڭ ئوغلى يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياكىننى يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمنىڭ بارلىق ئەمەلدارلىرى بىلەن بىرگە بابىلغا سۈرگۈن قىلغاندا، ئۇ، بۇ بۇيۇملارنى بۇ يەردە قالدۇرغانىدى.


«ئۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى بابىلغا ئېلىپ كېتىلىدۇ. تاكى مەن ئۇلارنى قايتۇرۇپ ئەكەلگۈچە، ئۇلار شۇ جايدا تۇرىدۇ. ئاندىن مەن ئۇلارنى يەنە يېرۇسالېمغا قايتۇرۇپ كېلىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»


دۈشمەن ئېلىپ كەتتى سىئوننىڭ بايلىقلىرىنى. كۆردى سىئون خەلقى ياتلارنىڭ بېسىپ كىرگىنىنى ئىبادەتخانىغا _ ئىگىمىزنىڭ ياتلارنىڭ كىرىشىنى چەكلىگەن جايىغا.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan