Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەرەمىيا 27:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 مۇنداق دېدى: _ خۇرۇم تاسما ۋە ياغاچتىن بىر بويۇنتۇرۇق ياساپ، ئۇنى بوينۇڭغا سالغىن.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەرەمىيا 27:2
18 Iomraidhean Croise  

پەيغەمبەرلەردىن بىرى كىنائاننىڭ ئوغلى زىدقىيا ئىدى. ئۇ تۆمۈردىن ياسالغان بىر جۈپ مۈڭگۈزنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، پادىشاھ ئاخابقا: _ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سەن ئارراملارنى يوقاتمىغۇچە، بۇ مۈڭگۈزلەر بىلەن ئۇلارنى ئۈسۈپ تۇرىسەن»، _ دېدى.


ئىدوم، موئاب، ئامموننىڭ بارلىق خەلقلىرى،


لېكىن ھەرقانداق بىر ئەل ئۆز بوينىدىكى بويۇنتۇرۇقنى بىلىپ يېتىپ، بابىل پادىشاھىغا بويسۇنۇپ، ئۇنىڭغا خىزمەت قىلسا، مەن ئۇ ئەلنى ئۆز زېمىنىدا قالدۇرۇپ، زىرائەت تېرىپ ياشىشىغا يول قويىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»


ئاندىن مەنكى يەرەمىيا ئوخشاش بىر ۋەھىينى يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىياغا تەكرارلاپ، مۇنداق دېدىم: _ ئەگەر سىلەر ياشاشنى خالىساڭلار، بابىل پادىشاھىنىڭ بويۇنتۇرۇقىغا كىرىڭلار، ئۇنىڭغا بويسۇنۇڭلار. ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە خىزمەت قىلىڭلار.


مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار دەيمەنكى، ئۇ ۋاقىتتا، مەن ئۇلارنىڭ بوينىدىكى بويۇنتۇرۇقنى سۇندۇرۇپ تاشلايمەن، ئۇلارنىڭ زەنجىرلىرىنى ئۈزۈۋېتىمەن. باشقا ئەللەر ئەمدى ئۇلارنى ھەرگىز قۇل قىلالمايدۇ.


مەن مىسىرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ۋەيران قىلغاندا، تاخپانخېس شەھىرىنى زۇلمەت قاپلايدۇ. ئۇنىڭ ماختىنىدىغان كۈچ-قۇدرىتى يوقىتىلىدۇ، شەھەرنى قارا بۇلۇتلار قاپلايدۇ، ئۇنىڭ يېزا-قىشلاقلىرىدىكى ئاھالىلىرى ئەسىر ئېلىنىدۇ.


خەلقىمگە زەنجىرلەر تەييارلانسۇن. بۇ زېمىن قاتىللىققا تولدى، شەھەرنى زوراۋانلىق قاپلىدى.


ئىگەم پەرۋەردىگار ماڭا بىر غايىبانە ئالامەتنى كۆرسەتتى. خۇدا بىر توپ چېكەتكىلەرنى زېمىندا پەيدا قىلىپتۇ. بۇ ۋاقىت دېھقانلارنىڭ پادىشاھقا ئالۋان-سېلىق تاپشۇرۇپ بولۇپ، ئىككىنچى قېتىم تېرىغان زىرائەتلىرىنىڭ يېڭىدىن ئۈنۈشكە باشلىغان ۋاقتى ئىكەن.


ئاندىن ئىگەم پەرۋەردىگار ماڭا باشقا بىر غايىبانە ئالامەتنى كۆرسەتتى. ئۇ ئۆز خەلقىنى كۆيدۈرۈپ جازالاش ئۈچۈن ئوتقا ئەمر قىلىپتۇ. ئوت يەر ئاستىدىكى بۈيۈك سۇلارنى قۇرۇتۇپ، زېمىننى كۆيدۈرۈشكە باشلاپتۇ.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan