Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەرەمىيا 27:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

13 خەلقىڭلارنىڭ بىكاردىن ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە كېسەللىك سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىشىنىڭ نېمە پايدىسى بار؟! بۇ، پەرۋەردىگارنىڭ بابىل پادىشاھىغا خىزمەت قىلىشنى خالىمايدىغان ھەرقانداق ئەلنىڭ بېشىغا كېلىدىغان ئىشلاردىن ئاگاھلاندۇرۇپ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەرەمىيا 27:13
11 Iomraidhean Croise  

ئۆزى زىيان تارتار مېنى قولدىن بېرىپ قويغانلار، ئۆلۈمنى ياخشى كۆرگەنلەردۇر مېنى يامان كۆرگەنلەر.


سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ سەۋەبىدىن، مەن سىلەرگە ئاتا قىلغان زېمىندىن ئايرىلىپ قالىسىلەر. شۇنداقلا مەن سىلەرنى ئۆزۈڭلارمۇ بىلمەيدىغان يات زېمىندا دۈشمەنلىرىڭلارغا قۇل قىلىپ بېرىمەن. چۈنكى سىلەر مېنىڭ غەزىپىمنى قوزغىدىڭلار، بۇ غەزەپ مەڭگۈ لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئوتقا ئوخشايدۇ.»


مەن ئۇلارغا دۇنيادىكى بارلىق ئەللەر چۆچۈپ كەتكۈدەك بىر بالايىئاپەت چۈشۈرىمەن. كىشىلەر ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن كۈلۈشىدۇ، مەسخىرە قىلىشىدۇ ۋە ئۇلارنى خارلايدۇ. مەن ئۇلارنى چېچىۋەتكەن ھەرقانداق يەرلەردە ئۇلارنىڭ نامى قارغىش سۆزىگە ئوخشاش تىلغا ئېلىنىدۇ.


ئەمما قايسىبىر ئەل ياكى پادىشاھلىق ئۇنىڭ بويۇنتۇرۇقىدا، يەنى خىزمىتىدە بولمىغۇچە، مەن شۇ ئەللەرنى ئۇ ئارقىلىق جازالايمەن. ئۇلار ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە كېسەللىكلەردە ۋەيران بولىدۇ.


«پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹بۇ شەھەردە قالغانلار ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ياكى كېسەللىك بىلەن ئۆلىدۇ. بۇ شەھەردىن ئايرىلىپ، بابىللىقلارغا تەسلىم بولغانلار ھايات قالىدۇ. ئۇلار جېنىنى جەڭدىن ساقلاپ قالىدۇ.›


يەرەمىيا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: _ سەن ئۇلارغا تاپشۇرۇلمايسەن. مېنىڭ دېگىنىم بويىچە ئىش قىلىپ، پەرۋەردىگارغا ئىتائەت قىلغىن. شۇندىلا ھەممە ئىشلىرىڭ ياخشى بولىدۇ ۋە ھاياتىڭ قۇتقۇزۇلۇپ قالىدۇ.


ئاياللىرىڭ ۋە بالىلىرىڭ بابىللىقلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدۇ. سەنمۇ ئۇلاردىن قېچىپ قۇتۇلالمايسەن. بابىل پادىشاھى سېنى ئەسىرگە ئېلىپ، بۇ شەھەرنى كۆيدۈرۈۋېتىدۇ.


مەنكى ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: «مەن يېرۇسالېم ئۈستىگە ئۇرۇش، ئاچارچىلىق، يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ ھۇجۇمى ۋە ۋابا قاتارلىق بۇ تۆت خىل دەھشەتلىك ئاپەتنى ئەكېلىپ، ئادەملەر ۋە ھايۋانلارنى نابۇت قىلسام، ئۇلارغا قانچىلىك ئېغىر كېلەر؟


ھەققانىي ئادەم ھەق يولىدىن يېنىپ، ئادالەتسىزلىك قىلسا، رەزىللەر بىلەن بىرگە يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلسا، ئەجەبا بۇنداق ئادەم يەنىلا ھايات قېلىشى كېرەكمۇ؟ مەن بۇنداق ئادەمنىڭ بۇرۇنقى ھەققانىي ئىشلىرىنى ھېسابقا ئالمايمەن، ئۇ ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلغانلىقى ۋە قىلغان گۇناھلىرى سەۋەبىدىن ھالاك بولىدۇ.


سىلەر بۇرۇنقى بارلىق گۇناھلىق ئىشلىرىڭلاردىن قول ئۈزۈپ، قەلبىڭلارنى ۋە روھىڭلارنى يېڭىلاڭلار. ئەي ئىسرائىل خەلقى، ھالاك بولۇشنى خالامسىلەر؟


مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، رەزىللەرنىڭ ھالاكىتىدىن خۇرسەن بولمايمەن، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ يامان يوللىرىدىن يېنىپ، ھايات قېلىشىنى خالايمەن. ئەي ئىسرائىل خەلقى، يېنىڭلار، يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىڭلار! نېمىشقا ئۆزۈڭلارنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىسىلەر؟


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan