يەرەمىيا 27:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى12 ئاندىن مەنكى يەرەمىيا ئوخشاش بىر ۋەھىينى يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىياغا تەكرارلاپ، مۇنداق دېدىم: _ ئەگەر سىلەر ياشاشنى خالىساڭلار، بابىل پادىشاھىنىڭ بويۇنتۇرۇقىغا كىرىڭلار، ئۇنىڭغا بويسۇنۇڭلار. ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە خىزمەت قىلىڭلار. Faic an caibideil |
يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىيانىڭ يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا، يەنى ئۇنىڭ ھوقۇق يۈرگۈزگىنىگە تۆت يىل بەش ئاي بولغان ۋاقىتتا، ئاززۇرنىڭ ئوغلى، يەنى گىبئونلۇق پەيغەمبەر خانانيا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا يەرەمىياغا سۆز قىلدى. ئۇ روھانىيلار ۋە بارلىق كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: