يەرەمىيا 26:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى6 شۇڭا مەن بۇ ئىبادەتخانىنى خۇددى شىلو شەھىرىنى گۇمران قىلغاندەك گۇمران قىلىمەن. دۇنيادىكى ھەممە خەلقلەر بۇ شەھەرنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ قارغايدۇ.›» Faic an caibideil |
مەن يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا شەھەر-يېزىلىرىغا باردىم. ئۇلارنىڭ پادىشاھى ۋە ئەمەلدارلىرى بۇ غەزەپ شارابىدىن ئىچتى. شۇ كۈندىن باشلاپ بۈگۈنگە قەدەر، ئۇلار پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇپ، ئادەملەرنى چۆچۈتىدىغان ھالغا كېلىپ قالدى ھەم مەسخىرە نىشانىغا ئايلاندى. ئۇلارنىڭ نامى قارغىش سۆزى ئورنىدا تىلغا ئېلىنىدىغان بولدى.
چۈنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر سىلەر مىسىرغا كەتسەڭلار، مەن غەزەپ-نەپرىتىمنى يېرۇسالېمدىكى كىشىلەرگە ياغدۇرغاندەك، سىلەرگىمۇ ياغدۇرىمەن. سىلەر كىشىلەرنىڭ قارغىشىغا قېلىپ، ئۇلار قارغاشتا ئىشلىتىدىغان بىر سۆزگە ئايلىنىپ قالىسىلەر. سىلەر ناھايىتى قورقۇنچلۇق ھالەتكە چۈشۈپ قالىسىلەر، باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە ئۇچرايسىلەر ۋە ئۆز زېمىنىڭلارنى ھەرگىز قايتا كۆرەلمەيسىلەر.»