14 ماڭا كەلسەك، مەن سىلەرنىڭ قولۇڭلاردا، سىلەر ياخشى ۋە توغرا دەپ قارىغىنىڭلار بويىچە مېنى بىر تەرەپ قىلىڭلار.
ئەگەر پەرۋەردىگار: «سەندىن رازى ئەمەسمەن» دېسە، مەيلى، ئۇ مېنى قانداق قىلغۇسى كەلسە، شۇنداق قىلسۇن، _ دېدى
پادىشاھ يوئاش زىكىرىيانىڭ ئاتىسى يىھويادانىڭ ئۆزىگە كۆرسەتكەن ئىلتىپاتلىرىغا قارىماي، ئۇنىڭ ئوغلىنى ئۆلتۈردى. زىكىرىيا جان ئۈزىدىغان ۋاقتىدا: «پەرۋەردىگار قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ، جازايىڭلارنى بەرسۇن» دېدى.
پادىشاھ ئۇنىڭغا: _ كۈمۈشلەرمۇ، بۇ خەلقمۇ ساڭا مەنسۇپ بولسۇن، ئۇلارنى قانداق قىلىمەن دېسەڭ، شۇنداق قىلغىن! _ دېدى.
لېكىن شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، ئەگەر مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولساڭلار، سىلەر، بۇ شەھەر ۋە ئۇنىڭدا ياشايدىغان كىشىلەر بىر گۇناھسىز ئادەمنىڭ قېنىنى تۆككەن بولىسىلەر. چۈنكى پەرۋەردىگار ھەقىقەتەن مېنى بۇ سۆزلەرنى سىلەرگە يەتكۈزۈشكە ئەۋەتكەن.
پادىشاھ زىدقىيا: _ ئۇنى نېمە قىلساڭلار قىلىڭلار. مەن سىلەرنى توسالمايمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى.
شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگولار پادىشاھقا جاۋاب بېرىپ: _ ئالىيلىرى، بىزنىڭ بۇ ئىشتا ئالدىلىرىدا ئۆزىمىزنى ئاقلىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق.
ھازىر بىز سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا تۇرۇپتۇق. بىزنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى توغرا تاپساڭلار، شۇنداق قىلىڭلار، _ دېيىشتى.