يەرەمىيا 25:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى3 _ پەرۋەردىگاردىن ماڭا ۋەھىي كېلىۋاتقىلى 23 يىل بولدى. ئاموننىڭ ئوغلى يوشىيانىڭ يەھۇدىيە ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 13-يىلدىن باشلاپ تاكى بۈگۈنگىچە پەرۋەردىگار ئۆز ۋەھىيسىنى ماڭا ئايان قىلىپ كەلمەكتە. مەن سىلەرگە بۇ ۋەھىيلەرنى قايتا-قايتا يەتكۈزۈپ كەلدىم. لېكىن سىلەر ئۇلارغا قۇلاق سالمىدىڭلار. Faic an caibideil |
پەرۋەردىگار بارلىق پەيغەمبەرلەر ۋە غايىبنى بىلگۈچىلەر ئارقىلىق ئىسرائىلىيە بىلەن يەھۇدىيە خەلقىگە: «يامان يولدىن قايتىڭلار! مەن سىلەرنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا ئەمر قىلغان ۋە خىزمەتكارلىرىم بولغان پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق سىلەرگە يەتكۈزگەن قانۇندىكى بارلىق ئەمر-پەرمانلىرىمغا ئەمەل قىلىڭلار» دەپ ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ،
مەن سىلەرگە خىزمەتكارلىرىم بولغان پەيغەمبەرلەرنى قايتا-قايتا ئەۋەتتىم. ئۇلار سىلەرگە: ‹يامان يولۇڭلاردىن يېنىپ، توغرا ئىش قىلىڭلار. باشقا ئىلاھلارنى ئىزدەپ، ئۇلارغا چوقۇنماڭلار. شۇندىلا سىلەرگە ۋە ئەجدادلىرىڭلارغا بەرگەن بۇ زېمىندا ياشىيالايسىلەر.› دېدى. لېكىن سىلەر سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىدىڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلمىدىڭلار.