يەرەمىيا 23:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى8 بەلكى ئۇنىڭ ئورنىغا: ‹ئىسرائىل ئەۋلادلىرىنى شىمالدىكى زېمىنلاردىن ۋە ئۆزى سۈرگۈن قىلىۋەتكەن باشقا بارلىق ئەللەردىن ئۆز زېمىنىغا قايتۇرۇپ كەلگەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن...› دەپ قەسەم قىلىدىغان بولىدۇ. شۇ ۋاقىتتا ئۇلار قايتىپ كېلىپ، ئۆز زېمىنىدا ياشايدۇ.» Faic an caibideil |
مەن پەرۋەردىگار دەيمەنكى، ئەي خىزمەتكارلىرىم بولغان ياقۇپ ئەۋلادلىرى، قورقماڭلار، ئەي ئىسرائىل خەلقى، ئالاقزادە بولماڭلار! چۈنكى مەن سىلەر ۋە سىلەرنىڭ ئەۋلادلىرىڭلارنى يىراقلاردىكى سۈرگۈن قىلىنغان يەرلەردىن چوقۇم قۇتقۇزۇپ كېلىمەن. ئەي ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى، سىلەر ئۆز زېمىنىڭلارغا قايتىپ، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرىسىلەر. سىلەرگە ھېچكىم ۋەھىمە سالمايدۇ.