يەرەمىيا 23:26 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى26 بۇ ساختا پەيغەمبەرلەر قاچانغىچە ئۆزلىرىنىڭ تەسەۋۋۇرىغا تايىنىپ، يالغاندىن ۋەھىي يەتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرار؟ Faic an caibideil |
مەن سىلەرنىڭ يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلغانلىقىڭلارنى كۆرگەن. مەن سىلەرنىڭ دالالاردا بۇزۇقچىلىق قىلغانلىقىڭلارنى، خۇددى ئەرنىڭ يات بىر ئايالنى شەھۋانىيلارچە قوغلىغىنىدەك ياكى ئايغىرنىڭ بايتالنى قوغلىغىنىدەك، بۇت ئىلاھلىرىڭلارنى ئىزدەپ تېپىپ، ئۇلارغا چوقۇنغانلىقىڭلارنى كۆردۈم. ئى يېرۇسالېم، ھالىڭغا ۋاي! قاچانغىچە مۇشۇنداق بۇلغىنىپ يۈرىسەن؟»
پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ بۇ پەيغەمبەرلەر مېنىڭ نامىم بىلەن يالغان سۆزلەۋاتىدۇ. مەن ئۇلارنى سۆزلەشكە ئەۋەتمىدىم ياكى سۆزلەشكە بۇيرۇمىدىم. مەن ئۇلارغا ھېچقانداق ۋەھىي چۈشۈرمىدىم. ئۇلار خۇدا تەرىپىدىن غايىبانە ئالامەت كۆرسىتىلگەنلىكىنى ئېيتىشىدۇ ۋە يۈز بېرىدىغان ئىشلار ھەققىدە ئالدىن بېشارەت بېرىشىدۇ، لېكىن بۇلار يالغاندۇر. ئۇلار پەقەت ئۆز ئىچىدىن ئويلاپ تاپقان يالغان ئىشلارنى سۆزلەيدۇ.