18 ئۇلارنىڭ ئىچىدە كىممۇ سۆزلىرىمنى ئاڭلاش ئۈچۈن ھۇزۇرۇمدىكى يىغىلىشقا قاتنىشىپ باققان؟ ئۇلارنىڭ ئىچىدە كىممۇ سۆزلىرىمگە كۆڭۈل قويۇپ، قۇلاق سالغان؟
شۇنىڭ بىلەن كىنائاننىڭ ئوغلى زىدقىيا مىكايانىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنى بىر كاچات ئۇرۇپ، ئۇنىڭدىن: _ پەرۋەردىگارنىڭ روھى قاچان مەندىن ئايرىلىپ، ساڭا سۆز قىلدى؟ _ دەپ سورىدى.
خۇدا ئەرشتىكى ئۇلۇغلارنىمۇ سوراققا تارتالايدىغان تۇرسا، كىممۇ ئۇنىڭغا بىلىم بېرەلىسۇن؟
ئەي ئايۇپ، سۆزلىرىمنى دىققەت بىلەن ئاڭلىغىن، ئۈن چىقارما، مەن سۆزلەي.
خۇدا ئۆزىگە ئىخلاس قىلغانلارنى دوست تۇتار، ئۇلارغا ئۆز ئەھدىسىنى ئېنىق تونۇتار.
ئەگەر ئۇلار مېنىڭ ھۇزۇرۇمدىكى يىغىلىشقا قاتناشقان بولسا ئىدى، مېنىڭ سۆزلىرىمنى خەلقىمگە جاكارلايتتى، خەلقىمنى يامان يوللىرىدىن ياندۇرۇپ، رەزىل ئىشلاردىن توسقان بولاتتى.
دەرھەقىقەت، ئىگىمىز پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن مەقسەتلىرىنى خىزمەتكارلىرى بولغان پەيغەمبەرلىرىگە ئايان قىلماي تۇرۇپ، ئىش قىلمايدۇ.
ئەمدى سىلەرنى «چاكار» دېمەيمەن. چۈنكى، چاكار خوجايىنىنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا سىلەرنى «دوست» دەيمەن، چۈنكى ئاتامدىن ئاڭلىغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى سىلەرگە يەتكۈزدۈم.
مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق يېزىلغان: «پەرۋەردىگارنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى كىم بىلەلىسۇن؟ ئۇنىڭغا كىم يول كۆرسىتەلىسۇن؟» لېكىن، بىز بولساق خۇدانىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى چۈشىنەلەيمىز. چۈنكى، بىزنىڭ ئوي-پىكرىمىز ئەيسا مەسىھنىڭكىگە ئوخشاشتۇر.