يەرەمىيا 23:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى16 قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار يېرۇسالېم خەلقىگە مۇنداق دەيدۇ: «ئاشۇ ساختا پەيغەمبەرلەرنىڭ سىلەرگە ئېيتقان سۆزلىرىگە قۇلاق سالماڭلار. ئۇلار سىلەرگە يالغان ئۈمىدلەرنى بېرىۋاتىدۇ. ئۇلار مەن يەتكۈزۈشكە بۇيرۇغان سۆزلەرنى ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرى توقۇپ چىقارغان غايىبانە ئالامەتلەرنى سۆزلەۋاتىدۇ. Faic an caibideil |
ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ پەرمانلىرىنى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى، شۇنىڭدەك پەرۋەردىگارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى رەت قىلدى ھەمدە ئەرزىمەس بۇتلارغا چوقۇنۇپ، ئۆزلىرىنىمۇ ئەرزىمەس قىلدى. پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ: «ئەتراپىڭلاردىكى يات ئەللەردەك قىلماڭلار» دېگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار يات ئەللەرنى دورىدى.
پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ بۇ پەيغەمبەرلەر مېنىڭ نامىم بىلەن يالغان سۆزلەۋاتىدۇ. مەن ئۇلارنى سۆزلەشكە ئەۋەتمىدىم ياكى سۆزلەشكە بۇيرۇمىدىم. مەن ئۇلارغا ھېچقانداق ۋەھىي چۈشۈرمىدىم. ئۇلار خۇدا تەرىپىدىن غايىبانە ئالامەت كۆرسىتىلگەنلىكىنى ئېيتىشىدۇ ۋە يۈز بېرىدىغان ئىشلار ھەققىدە ئالدىن بېشارەت بېرىشىدۇ، لېكىن بۇلار يالغاندۇر. ئۇلار پەقەت ئۆز ئىچىدىن ئويلاپ تاپقان يالغان ئىشلارنى سۆزلەيدۇ.
ئۇلار مېنىڭ خەلقىم ئارىسىدا نومۇسسىز ئىشلارنى قىلغانلىقى ئۈچۈن، يۇقىرىدىكى قىسمەتلەرگە دۇچار بولىدۇ. ئۇلار قوشنىلىرىنىڭ ئاياللىرى بىلەن زىناخورلۇق قىلدى ۋە نامىمنى ئاتاپ يالغان سۆزلىدى، يەنى مەن بۇيرۇمىغان سۆزلەرنى سۆزلىدى. مەن ئۇلارنىڭ نېمە قىلغانلىقىنى بىلىمەن ۋە نېمە قىلغانلىقىغا گۇۋاھمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.›»