Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەرەمىيا 23:15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

15 شۇڭا مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار يېرۇسالېمدىكى پەيغەمبەرلەر توغرىسىدا مۇنداق دەيمەن: ‹مەن بۇ پەيغەمبەرلەرنى ئازابلاپ، ئۇلارغا زەھەرلىك جازا سۈيىنى ئىچكۈزىمەن. چۈنكى يېرۇسالېمدىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىمانسىزلىقى بۇ زېمىنغا كەڭ تارقالدى.›»

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەرەمىيا 23:15
12 Iomraidhean Croise  

ئۇلار بەردى ئوزۇقلۇقۇمغا زەھەرنى، ئۇسسۇزلۇقۇمغا بۇزۇلغان شارابنى.


شۇنىڭ ئۈچۈن مەن پەرۋەردىگار ئېيتىمەنكى، مەن ئۇلارغا ھېچقانداق ۋەھىي چۈشۈرمىسەممۇ، مېنىڭ نامىم بىلەن سۆزلىگەن بۇ يالغانچى پەيغەمبەرلەرنى جازالايمەن. ئۇلار: «ئۇرۇش ۋە ئاچارچىلىق كەلمەيدۇ» دەيدۇ، بىراق ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ئۇرۇش ۋە ئاچارچىلىقتا ئۆلىدۇ!


كىشىلەر دەيدۇ: «بىز نېمىشقا بۇ يەردە ئولتۇرىمىز؟ مۇستەھكەم شەھەرلەرگە بېرىپ، توپلىنايلى. ئەگەر بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز خۇدا بىزنى ئۆلۈشكە بۇيرۇغان تەقدىردىمۇ، ھېچ بولمىغاندا ئۇ يەردە ئۇرۇش قىلىپ ئۆلەيلى. پەرۋەردىگارغا قارشى گۇناھ ئۆتكۈزگەنلىكىمىز ئۈچۈن، ئۇ بىزگە زەھەر بىلەن تولغان قەدەھنى ئىچىشكە بەردى.


ئەكسىچە جاھىللارچە ئۆزلىرىنىڭ يامان نىيەتلىرىگە ئەگىشىپ، بائالنىڭ بۇتلىرىغا چوقۇنۇشتى. ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى ئۇلارغا مۇشۇنداق قىلىشنى ئۆگەتكەن.


شۇنىڭ ئۈچۈن مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيمەن: ‹كۆرۈپ تۇرۇڭلاركى، بۇ خەلققە ئەمەندەك بەتتەم تائام يېگۈزىمەن ۋە زەھەرلىك سۇ ئىچكۈزىمەن.


ئۇ مېنى سالدى ئازابقا، دەرد تارتتىم يەتكۈچە.


ئويلىسام دەرد تارتقان، سەرگەردان كۈنلىرىمنى، ئەسلەيمەن ئەمەن ۋە ئۆتنىڭ قىرتاق تەملىرىنى.


ھەر جەھەتتىن ئازابلار مېنى، تېتىدىم جەبىر-زۇلۇمنى.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ كۈن كەلگەندە، مەن بۇ زېمىندىن بۇتلارنى يوقىتىمەن. ئۇلارنىڭ نامى ئۇنتۇلىدۇ. مەن يەنە ساختا پەيغەمبەرلەرنى ۋە خەلقنىڭ ناپاكلىققا ئىنتىلىش روھىنى بۇ زېمىندىن يوقىتىمەن.


ھەزرىتى ئەيساغا ئىچىش ئۈچۈن دورا ئارىلاشتۇرۇلغان شاراب بەردى، لېكىن ھەزرىتى ئەيسا ئۇنى تېتىپ كۆرۈپ، ئىچكىلى ئۇنىمىدى.


ھوشيار بولۇڭلار، ئاراڭلاردىكى مەيلى ئەر، مەيلى ئايال بولسۇن، مەيلى جەمەت ياكى قەبىلە بولسۇن ھېچقايسىسى پەرۋەردىگارىمىز خۇدادىن يۈز ئۆرۈپ، باشقا ئەللەرنىڭ ئىلاھلىرىغا چوقۇنمىسۇن! ئاراڭلاردا زەھەرلىك ۋە ئاچچىق مېۋىلەرنى بېرىدىغان يىلتىز ئۆسمىسۇن!


بۇ يۇلتۇزنىڭ ئىسمى «قېرىق» ئىدى. سۇلارنىڭ ئۈچتىن بىرى قېرىق بولۇپ كېتىپ، بۇ سۇنى ئىچكەن نۇرغۇن ئادەم ئۆلۈپ كەتتى.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan