Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەرەمىيا 22:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 باشقا ئەللەردىن كەلگەن كىشىلەر بۇ شەھەردىن ئۆتكەندە، بىر-بىرىدىن: ‹پەرۋەردىگار نېمىشقا بۇ بۈيۈك شەھەرنى بۇ ھالغا كەلتۈرۈپ قويغاندۇ؟› دەپ سورىشىدۇ.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەرەمىيا 22:8
13 Iomraidhean Croise  

سەن كىشىلەرگە بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېيتىپ بەرگىنىڭدە، ئۇلار سەندىن سورايدۇ: «نېمە ئۈچۈن پەرۋەردىگار بىزنى بۇ بالايىئاپەتلەر بىلەن ئاگاھلاندۇرىدۇ؟ بىز نېمىنى خاتا قىلدۇق؟ بىز پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا قارشى قانداق گۇناھ ئۆتكۈزدۇق؟»


قاراۋۇللار باشلىقى يەرەمىيانى يېنىغا ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ پەرۋەردىگارىڭ خۇدا بۇ يەرگە بالايىئاپەت كەلتۈرىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشتا بولغانىدى.


ھازىر ئۇ ئۆزى دېگىنىدەك بۇ بالايىئاپەتلەرنى ئەمەلگە ئاشۇردى. چۈنكى سىلەر گۇناھ قىلىپ، پەرۋەردىگارغا ئىتائەت قىلمىدىڭلار. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئاپەتلەر بېشىڭلارغا كەلدى.


پادىشاھ ۋە خەلقلەرنىڭ ھېچقايسىسى ئىشەنمەيتتى دۈشمەننىڭ يېرۇسالېم شەھەر دەرۋازىسىدىن بۆسۈپ كىرەلەيدىغانلىقىغا.


لېكىن ئۇلارنىڭ ھەرقايسى ئەللەردە ئۆزلىرى قىلغان يىرگىنچلىك ئىشلىرىنى باشقىلارغا سۆزلەپ بېرىشى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنى قىلىچتىن، ئاچارچىلىقتىن، ۋابادىن ساقلاپ قالىمەن. شۇندىلا ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.


سىلەر ئۇلارنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرۈپ، مېنىڭ يېرۇسالېمنى سەۋەبسىزلا جازالىمىغانلىقىمدىن تەسەللى تاپىسىلەر. بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»


باشقا ئەللەرمۇ ئىسرائىل خەلقىنىڭ ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلىپ گۇناھ ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنى سۈرگۈن قىلغانلىقىمنى بىلىشىدۇ. مەن خەلقىمدىن دىدارىمنى يوشۇرۇپ، ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇردۇم. ئۇلار قىلىچ ئاستىدا جېنىدىن جۇدا بولدى.


مەن غەزەپ بىلەن ئۈستۈڭدىن ھۆكۈم چىقىرىپ، سېنى ئاچچىقىم بىلەن قاتتىق جازالىغان ۋاقتىمدا، قوشنا ئەللەر تەرىپىدىن خورلۇق ۋە مەسخىرىگە قالىسەن. قوشنا ئەللەر سېنىڭ ئېچىنىشلىق ھالىتىڭدىن ئىبرەت ئالىدۇ. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن، بۇ مېنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىمدۇر.


ئى ئىگەم، سەن ھەققانىيدۇرسەن. ئەمما بۈگۈن بىزنىڭ ساڭا ئىتائەت قىلماسلىقىمىز سەۋەبىدىن بىز بارلىق ئىسرائىللارنىڭ، يەنى يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمدا ياشاۋاتقانلار ھەمدە سەن تەرەپتىن يېقىن ۋە يىراققا قوغلانغانلارنىڭ يۈزى نومۇستىن قىزارماقتا.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan