26 مەن سېنى ۋە سېنى تۇغقان ئاناڭنى ئۆزۈڭلار تۇغۇلمىغان يات بىر ئەلگە ئاپىرىپ تاشلايمەن. ھەر ئىككىڭلار شۇ يەردە ئۆلىسىلەر.
ئۇ پادىشاھ يىھوياكىننى، خان ئانىسىنى، پادىشاھنىڭ ئاياللىرىنى، ئەمەلدارلىرىنى ۋە ئەلدىكى كاتتا زاتلارنى تۇتقۇن قىلىپ، بابىلغا ئېلىپ كەتتى.
يىھوياكىن تەختكە چىققان چاغدا 18 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا ئۈچ ئاي ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى يېرۇسالېملىق ئەلناتاننىڭ قىزى نىخۇشتا ئىدى.
يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياكىن سۈرگۈندە يۈرگىنىگە 37 يىل بولغاندا، ئەۋىل-ماردۇق بابىل پادىشاھى بولۇپ، تەختكە چىقتى. شۇ يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۇ يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياكىنغا شەپقەت كۆرسىتىپ، ئۇنى زىنداندىن ئېلىپ چىقتى.
يىھوياكىن مەھبۇسلۇق كىيىمىنى سېلىۋەتتى. ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە پادىشاھ بىلەن ھەمداستىخان بولدى.
ئۇنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش خىراجىتىنى بابىل پادىشاھى ئۈزۈلدۈرمەي تەمىنلەپ بەردى.
قارا ئۆزۈڭگە، ئەي ئەرباب! پەرۋەردىگار سېنى چىڭ قاماللايدۇ، سېنى ئەمدى پۈتۈنلەي تاشلىۋېتىدۇ!
چۈنكى پەرۋەردىگار: «مەن ھازىر بۇ زېمىندا ياشاۋاتقانلارنى تاشلىۋەتمەكچى. ئۇلارنىڭ باشلىرىغا كۈلپەت ياغدۇرىمەن، تاكى ئۇلار ھېس قىلىپ يەتكۈچە» دېدى.
پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «پادىشاھ ۋە خان ئانىسىغا ئېيتقىن: ‹تەختلىرىڭلاردىن چۈشۈڭلار، چۈنكى سىلەرنىڭ بۈيۈك تاجلىرىڭلار بېشىڭلاردىن يۆتكىلىدۇ.
شۇڭا مەن سىلەرنى بۇ زېمىندىن قوغلاپ، سىلەر بىلمەيدىغان، ھەتتا ئەجدادلىرىڭلارمۇ بىلمىگەن باشقا بىر زېمىنغا ئاپىرىپ تاشلايمەن. ئۇ يەردە سىلەر كېچە-كۈندۈز بۇت ئىلاھلارغا چوقۇنىسىلەر. چۈنكى مەن سىلەرگە مېھىر-شەپقەت كۆرسەتمەيمەن.›»
سىلەر قايتىپ كېلىشكە تەشنا بولغان بۇ زېمىنغا مەڭگۈ قايتىپ كېلەلمەيسىلەر!
مەن يەنە يىھوياقىمنىڭ ئوغلى يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياكىننى ۋە بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغان بارلىق كىشىلەرنى بۇ جايغا قايتۇرۇپ كېلىمەن. مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، مەن بابىل پادىشاھىنىڭ بويۇنتۇرۇقىنى چېقىپ تاشلايمەن!».
(بۇ ئىش پادىشاھ يىھوياكىن، خان ئانىسى، ئوردا ئەمەلدارلىرى، يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمنىڭ ئەمەلدارلىرى، ھۈنەرۋەنلەر ۋە تۆمۈرچىلەر يېرۇسالېمدىن سۈرگۈن قىلىنغاندىن كېيىن يۈز بەرگەنىدى.)
يەھۇدىيەدىن مىسىردا ياشاشقا كەلگەن يەھۇدىيەلىكلەرنىڭ ھېچقايسىسى ھايات قالمايدۇ ياكى يەھۇدىيەگە قايتىپ كېتەلمەيدۇ. گەرچە ئۇلار قايتىپ، ئۇ يەردە ياشاشنى ئارزۇ قىلسىمۇ، پەقەت ئاز ساندىكى يەھۇدىيە مۇساپىرلىرىلا ئۇ يەرگە قايتالايدۇ.»