Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەرەمىيا 22:23 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

23 ھازىر پادىشاھىڭلار لىۋاندىن ئەكەلگەن كېدىر ياغىچىدىن ياسالغان ئوردىسىدا ھۇزۇرلىنىۋاتىدۇ، لېكىن ئۇ پات ئارىدا جازالىنىدۇ، ئۇ خۇددى تولغاق يەۋاتقان ئايالدەك ئىڭرايدۇ.»

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەرەمىيا 22:23
18 Iomraidhean Croise  

ئەي جىلغا ئارىسىدىكى تاشلىق تۆپىلىكتە ياشاۋاتقان يېرۇسالېم خەلقى، مەن سىلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىمەن. ‹ھېچكىم بىزگە ھۇجۇم قىلىپ، مۇداپىئەلىرىمىزنى بۇزۇپ كىرەلمەيدۇ› دەپ مەغرۇرلانغانلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىمەن.


پەرۋەردىگار، يەھۇدىيە پادىشاھىنىڭ ئوردىسى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «يەھۇدىيە پادىشاھىنىڭ ئوردىسى مېنىڭ نەزىرىمدە گىلئادقا ۋە لىۋاننىڭ تاغ چوققىلىرىغا ئوخشاش ھەيۋەتلىكتۇر، لېكىن مەن ئۇنى چۆلگە ئوخشاش ھېچكىم ياشىمايدىغان بىر جايغا ئايلاندۇرۇپ قويىمەن.


تاقىر تاغلاردىن بىر ئاۋاز ئاڭلاندى. ئۇ ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئۆز بۇتلىرىغا قىلغان نالە-پەريادلىرىنىڭ ئاۋازى ئىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىق يوللىرىغا مېڭىپ، مېنى _ ھەقىقىي پەرۋەردىگار خۇدانى ئۇنتۇپ قالغانىدى.


ئەي موئاب خەلقى، شەھەرلىرىڭلارنى تاشلاپ، تىك يارلارنىڭ ئارىسىغا بېرىپ ياشاڭلار. ئۆڭكۈر ئېغىزىغا ئۇۋا سالىدىغان كەپتەرلەردەك تۇرۇڭلار.


سەن باشقا ئادەملەرنى قورقۇتقانىدىڭ، بۇ تەكەببۇرلۇقۇڭ سېنى ئالدىدى. سەن تاغ چوققىسىدىكى تىك قىيادا تۇرۇپ، ئۇۋاڭنى بۈركۈتكە ئوخشاش ئېگىزگە ياسىساڭمۇ، مەن سېنى ئۇ يەردىن تارتىپ چۈشۈرىمەن.


يېرۇسالېم ئاھالىلىرى نالە قىلىشىپ مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئۇلار توغرىسىدا ئاڭلىغان! بىز قورقۇنچ ئىچىدە يار-يۆلەكسىز قالدۇق! ئازاب بىزنى چىرمىۋالدى. بىز خۇددى تولغاق ئازابى تارتىۋاتقان ئايالدەك قىينىلىۋاتىمىز!


ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «چوڭ بىر بۈركۈت بولۇپ، قاناتلىرى كەڭ، پەيلىرى كۆپ ۋە رەڭدار ئىكەن. بۇ بۈركۈت لىۋانغا كېلىپ، كېدىر دەرىخىنىڭ ئۇچىدىن بىر شاخنى سۇندۇرۇپ ئاپتۇ.


ئۇلار گۇناھىنى تونۇپ، مېنى ئىزدىمىگۈچە، ئۇلاردىن ئايرىلىپ تۇرىمەن. ئۇلار ئازاب تارتقان كۈنلىرىدە مېنى چىن قەلبىدىن ئىزدەيدۇ».


ئۇلار چىن دىلىدىن ماڭا ئىلتىجا قىلىشمايدۇ، پەقەت تۆشەكلىرىدە يېتىشىپ يىغا-زار قىلىشىدۇ. ئۇلار مەندىن ۋاز كېچىپ، ساختا ئىلاھلىرىدىن ئاشلىق، شاراب تىلەپ، بەدەنلىرىنى تىلىشىدۇ.


ئۇلار گۆر كولاپ كىرىۋالسىمۇ، كىرىۋالغان جايلىرىدىن تارتىپ چىقىرىمەن. ئۇلار ئاسمانغا چىقىۋالسىمۇ، ئاسماندىن تارتىپ چۈشۈرىمەن.


لېكىن سەن بۈركۈتتىن ئېگىز ئۇچۇپ، يۇلتۇزلار ئارىسىغا ئۇۋا سالساڭمۇ، مەن يەنىلا سېنى ئۇ يەردىن تارتىپ چۈشۈرىمەن.


ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي ناھەق يول بىلەن پۇل تېپىپ، ئۆيىنى مال-دۇنياغا تولدۇرغانلار! زىيان-زەخمەتتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇۋىسىنى ئېگىز يەرگە قۇرغانلار!


بىلئام غايىبانە ئالامەتتە قېنلارنى كۆرۈپ، سۆز قىلىپ، مۇنداق دېدى: «گەرچە سىلەرنىڭ قارارگاھىڭلار مۇستەھكەم، ئۇۋاڭلار تىك ياردا بولسىمۇ،


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan