يەرەمىيا 22:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى21 سىلەر گۈللەنگەن چاغدا مەن سىلەرگە سۆز قىلدىم، لېكىن سىلەر ئاڭلاشنى رەت قىلدىڭلار. سىلەر ئەزەلدىن سۆزلىرىمگە ئىتائەت قىلمىدىڭلار، مانا بۇ سىلەرنىڭ پۈتۈن ھاياتىڭلاردا قىلغانلىرىڭلار. Faic an caibideil |
مەن سىلەرگە خىزمەتكارلىرىم بولغان پەيغەمبەرلەرنى قايتا-قايتا ئەۋەتتىم. ئۇلار سىلەرگە: ‹يامان يولۇڭلاردىن يېنىپ، توغرا ئىش قىلىڭلار. باشقا ئىلاھلارنى ئىزدەپ، ئۇلارغا چوقۇنماڭلار. شۇندىلا سىلەرگە ۋە ئەجدادلىرىڭلارغا بەرگەن بۇ زېمىندا ياشىيالايسىلەر.› دېدى. لېكىن سىلەر سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىدىڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلمىدىڭلار.
پەرۋەردىگار خەلققە مۇنداق دېدى: «سىلەر تۆت كوچىدا تۇرۇۋاتىسىلەر، شۇڭا يولۇڭلارنى كۆزىتىڭلار. كونا، ئىشەنچلىك يولنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى سوراڭلار. قايسى يولنىڭ بەخت-سائادەتكە باشلايدىغانلىقىنى سوراپ، شۇنىڭغا ئەگىشىڭلار. ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار، قەلبىڭلار ئارام تاپىدىغان جاينى تاپالايسىلەر. بىراق خەلقىم: ‹بىز پەرۋەردىگارنىڭ يولىدا ماڭمايمىز!› دېدى.