Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەرەمىيا 22:19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

19 ئۇ خۇددى ئېشەككە ئوخشاش ئۆلۈكى قەبرىسىز قالىدۇ. ئۇنىڭ جەسىتى يېرۇسالېم دەرۋازىسىنىڭ سىرتىغا سۆرەپ ئېلىپ چىقىلىپ، تاشلىۋېتىلىدۇ.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەرەمىيا 22:19
13 Iomraidhean Croise  

شۇڭا مەن سېنىڭ جەمەتىڭگە بالايىئاپەت كەلتۈرىمەن. ئىسرائىللار ئىچىدە ساڭا تەۋە ئەركەكلەرنىڭ ھەممىسىنى قېرى-ياش دېمەي ھالاك قىلىمەن. سېنىڭ جەمەتىڭنى نىجاسەتنى يوقاتقاندەك پۈتۈنلەي يوقىتىمەن.


يىھوياقىم تەختكە چىققان چاغدا 25 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 11 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى زىبۇدا بولۇپ، رۇماھ شەھىرىدىكى پىدايانىڭ قىزى ئىدى.


يىھوياقىم ۋاپات بولۇپ، ئوغلى يىھوياكىن تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.


ئۇلار جەسەتنى كۆمۈشكە باردى، لېكىن ئۇنىڭ بېشى ۋە پۇت-قوللىرىدىن باشقا ھېچ يېرىنى تاپالمىدى.


بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىپ كەلدى. ئۇ يىھوياقىمنى تۇچ كىشەن بىلەن كىشەنلەپ، بابىلغا ئېلىپ كەتتى.


بىر باي ئادەم يۈز پەرزەنتلىك بولۇشى ھەمدە ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشى مۇمكىن. لېكىن ئۇ ھاياتتىن قانائەت ھاسىل قىلالمىسا ياكى بۇ دۇنيادىن كەتكەندە ھۆرمىتى بىلەن كۆمۈلمىسە، مېنىڭچە بۇنداق ئادەمدىن ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن چۈشۈپ كەتكەن ھامىلە ياخشىراقتۇر.


مەن ئۇلارنى ئوخشىمىغان تۆت خىل ئاپەت بىلەن جازالايمەن: مەن ئۇرۇش قوزغاپ ئۇلارنى ھالاك قىلىمەن. جەسەتلىرىنى ئىتلارغا تالىتىمەن. قاغا-قۇزغۇنلار ۋە ياۋايى ھايۋانلار ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىنى تىتىپ يەيدۇ.


شۇڭا مەن پەرۋەردىگار يەھۇدىيە پادىشاھى بولغان سەن يىھوياقىم توغرىسىدا مۇنداق دەيمەن: سېنىڭ داۋۇتنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلىدىغان ھېچقانداق ئەۋلادىڭ بولمايدۇ. سېنىڭ جەسىتىڭ دالاغا تاشلىنىپ، كۈندۈزى ئاپتاپتا، كېچىدە سوغۇقتا قالىدۇ.


شۇڭا يەھۇدىيەدىكى بارلىق كىشىلەر ئۆز شەھەرلىرىدىن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا روزا تۇتقىلى كەلگەن كۈندە، سەن ئۇ يەرگە بارغىن. ئۇلارغا مەن ساڭا ئېيتقان، يەنى سەن تېرىگە پۈتكەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى ئوقۇپ بەرگىن. ھەممە ئادەم ئاڭلىغۇدەك ئۈنلۈك ئوقۇغىن.


سۆڭەكلىرى بۇرۇن ئۆزلىرى سۆيۈپ، چوقۇنۇپ، سەجدە قىلغان، يول كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلىپ، ئىبادەت قىلغان قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇزلار ئاستىدا چېچىلىپ ياتىدۇ. بۇلار ھەرگىزمۇ قايتا يىغىلىپ كۆمۈلمەيدۇ. ئۇلار خۇددى گەندىدەك تاشلىنىپ قالىدۇ.


شۇڭا يات ئەللەر تەرەپ-تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىپ ئۇنىڭغا، چۈشۈردى ئۇنى تورلىرىغا. چۈشتى ئۇ ئۇلارنىڭ تۇزىقىغا.


سەن دالادا ھالاك بولىسەن، چۈنكى مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار بۇنى ئېيتتىم.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan