يەرەمىيا 22:15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى15 ئەي يىھوياقىم، كېدىر ياغىچىنى كۆپ ئىشلەتكەنلىكىڭ ئۈچۈن، ئۆزۈڭنى بىر ئۇلۇغ پادىشاھ دەپ ئويلامسەن؟ ئاتاڭنىڭمۇ يېمەك-ئىچمىكى مول ئىدى. لېكىن ئۇ ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىق بىلەن ئىش قىلغان، شۇڭلاشقا ئۇنىڭ بارلىق ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولغان. Faic an caibideil |
ئى پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان خان جەمەتى، پەرۋەردىگار سىلەرگە دەيدۇكى، ھەر كۈنى ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىڭلار. بۇلاڭچىلىققا ئۇچرىغانلارنى زالىملارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇڭلار. ئۇنداق بولمايدىكەن، قىلغان رەزىل ئىشلىرىڭلار تۈپەيلىدىن غەزىپىم خۇددى يالقۇنلاپ كۆيۈۋاتقان ئوتتەك سىلەرنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ، ھېچكىم بۇنى ئۆچۈرەلمەيدۇ.