يەرەمىيا 22:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى10 «ئۆلتۈرۈلگەن پادىشاھ يوشىيا ئۈچۈن يىغا-زار قىلىپ قايغۇرماڭلار. لېكىن پادىشاھنىڭ سۈرگۈن قىلىنغان ئوغلى ئۈچۈن يىغلاپ قايغۇرۇڭلار. چۈنكى ئۇ ئەمدى ئۆز زېمىنىنى قايتا كۆرەلمەيدۇ.» Faic an caibideil |
چۈنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر سىلەر مىسىرغا كەتسەڭلار، مەن غەزەپ-نەپرىتىمنى يېرۇسالېمدىكى كىشىلەرگە ياغدۇرغاندەك، سىلەرگىمۇ ياغدۇرىمەن. سىلەر كىشىلەرنىڭ قارغىشىغا قېلىپ، ئۇلار قارغاشتا ئىشلىتىدىغان بىر سۆزگە ئايلىنىپ قالىسىلەر. سىلەر ناھايىتى قورقۇنچلۇق ھالەتكە چۈشۈپ قالىسىلەر، باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە ئۇچرايسىلەر ۋە ئۆز زېمىنىڭلارنى ھەرگىز قايتا كۆرەلمەيسىلەر.»