1 پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ يەھۇدىيە پادىشاھىنىڭ ئوردىسىغا بېرىپ، سۆزلىرىمنى ئۇ يەردە يەتكۈزگىن.
پەرۋەردىگار ناتان پەيغەمبەرنى داۋۇتنىڭ يېنىغا ئەۋەتتى. ئۇ كېلىپ، داۋۇتقا مۇنداق دېدى: _ بىر شەھەردە ئىككى ئادەم بار بولۇپ، بىرسى باي، بىرسى كەمبەغەل ئىكەن.
پەرۋەردىگار ماناسسەنى ۋە ئۇنىڭ خەلقىنى ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار قۇلاق سالمىدى.
پەرۋەردىگار مەن يەرەمىياغا، يەھۇدىيە پادىشاھىنىڭ جەمەتىگە بۇ سۆزلەرنى يەتكۈزۈشۈمنى ئېيتتى: «پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار!
مەن پەرۋەردىگار ئېيتىمەنكى، قىلمىشلىرىڭلارغا قاراپ، سىلەرنى تېگىشلىك جازاغا تارتىمەن. ئورمىنىڭلارغا ئوت قويىمەن، بۇ ئوت ئەتراپتىكى ھەممە نەرسىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ.»
ئۇنىڭغا مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «ئەي داۋۇتنىڭ تەختىدە ئولتۇرۇۋاتقان يەھۇدىيە پادىشاھى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سال. بۇ سۆزلىرىمنى ئوردىنىڭ دەرۋازىلىرىدىن كىرىدىغان ئەمەلدار ۋە خەلقلىرىڭمۇ ئاڭلىسۇن.
ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدا يەرەمىيانىڭ يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىيانىڭ قېشىغا بېرىپ، بۇ ۋەھىينى يەتكۈزۈشىنى ئەمر قىلدى: «مەن پەرۋەردىگار بۇ شەھەرنى بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. ئۇ بۇ شەھەرنى كۆيدۈرۈپ، ۋەيران قىلىدۇ.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي روھانىيلار، ئاڭلاڭلار! ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار! ئەي پادىشاھ جەمەتى، دىققەت قىلىڭلار! سىلەرگە قارشى ھۆكۈم چۈشۈۋاتىدۇ. چۈنكى بۇتپەرەسلىكىڭلار خەلققە مىزپاھتا قىلتاق، تابور تېغىدا تور بولدى.
لېكىن بەيتەلدە ھەرگىز ۋەھىي يەتكۈزگۈچى بولما. چۈنكى بۇ يەردە خانلىق سەجدىگاھ ۋە خەلقنىڭ چوڭ بۇتخانىسى بار.