يەرەمىيا 21:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى14 مەن پەرۋەردىگار ئېيتىمەنكى، قىلمىشلىرىڭلارغا قاراپ، سىلەرنى تېگىشلىك جازاغا تارتىمەن. ئورمىنىڭلارغا ئوت قويىمەن، بۇ ئوت ئەتراپتىكى ھەممە نەرسىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ.» Faic an caibideil |
سەن ئەلچى ئەۋەتىپ مېنى، يەنى پەرۋەردىگارنى مەسخىرە قىلدىڭ. سەن پو ئېتىپ، ‹جەڭ ھارۋىلىرىم بىلەن ئېگىز تاغلارنى، لىۋاننىڭ ئەڭ چېتىدىكى تاغ چوققىلىرىنى بېسىۋالغانمەن، شۇنداقلا، ئەڭ ئېگىز كېدىرلەرنى، ئەڭ ياخشى كىپارىس دەرەخلىرىنى كېسىپ تاشلىغانمەن. ئەڭ يىراق، ئەڭ ئېگىز تاغلار ۋە ئەڭ چوڭ ئورمانلىقلارغا بارغانمەن،
لېكىن سىلەر چوقۇم ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار ۋە دەم ئېلىش كۈنىنى مۇقەددەس بىلىپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىڭلار. ئۇ كۈنى يېرۇسالېم دەرۋازىلىرىدىن ھېچقانداق يۈك-تاق ئېلىپ كىرمەڭلار. ئەگەر شۇنداق قىلمىساڭلار، يېرۇسالېم دەرۋازىلىرىغا ئوت قويىمەن. ئوت يېرۇسالېمنىڭ ئوردىلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ، ھېچكىم ئۇنى ئۆچۈرەلمەيدۇ.›»
پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «قاراڭلار، شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇكى، مەن مىسىرلىقلارنى، يەھۇدىيەلىكلەرنى، ئىدوملۇقلارنى، ئاممونلۇقلارنى، موئابلىقلارنى ۋە شۇنداقلا قۇملۇقلارنىڭ چەت-ياقالىرىدا ياشاۋاتقان خەلقلەرنىڭ ھەممىسىنى جازالايمەن. چۈنكى بۇ خەلقلەرنىڭ ھەممىسى خەتنە قىلىنغان بولسىمۇ، يولۇمدا ماڭمايدۇ. ئەي ئىسرائىل خەلقى، سىلەرمۇ خەتنە قىلىنغان بولساڭلارمۇ، ئۆز قەلبىڭلارنى ئۆزگەرتمىدىڭلار، يولۇمدا ماڭمىدىڭلار.»