Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەرەمىيا 20:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 ئەي پاشكۇر، پەرۋەردىگار ساڭا مۇنداق دەيدۇ: «مەن ساڭا ۋە دوست-بۇرادەرلىرىڭغا ۋەھىمە سالىمەن. دوستلىرىڭنى دۈشمەنلىرى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرىسەن. مەن پۈتكۈل يەھۇدىيە خەلقىنى بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. بابىل پادىشاھى ئۇلارنى ئەسىرگە ئېلىپ، بابىلغا يالاپ، ئېلىپ كېتىدۇ ياكى ئۇلارنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرىدۇ.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەرەمىيا 20:4
22 Iomraidhean Croise  

ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئۆلتۈردى. ئۇنىڭ كۆزىنى ئويۇۋېلىپ، ئۇنى تۇچ كىشەن بىلەن كىشەنلەپ، بابىلغا ئېلىپ باردى.


ۋەھىمە ئىچىدە يوقىلار ئۇلار، ھەم بىر دەقىقىدىلا پارچە-پارچە بولار.


بۇ رەزىل خەلق مېنىڭ تەلىملىرىمگە بويسۇنۇشنى رەت قىلدى. ئۇلار جاھىللارچە ئۆزلىرىنىڭ يامان نىيەتلىرىگە ئەگىشىپ ماڭدى. باشقا ئىلاھلارنى ئىزدەپ، ئۇلارغا چوقۇندى ۋە سەجدە قىلدى. شۇڭا ئۇلار بۇ پوتىغا ئوخشاش ھېچنېمىگە ئەسقاتمايدىغان نەرسىگە ئايلىنىدۇ.


نەگېب چۆللۈكىدىكى شەھەرلەر دۈشمەنلەرنىڭ مۇھاسىرىسىدە قېلىپ، دەرۋازىلىرى تاقىلىدۇ، ھېچكىم بۇ شەھەرلەرگە كىرەلمەيدۇ. يەھۇدىيە خەلقى ئەسىرگە ئېلىنىپ، ھەممىسى سۈرگۈن قىلىنىدۇ›».


«ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹مەن ئېيتقىنىمدەك، بۇ شەھەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلارغا ھەممە بالايىئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىمەن. سىلەر جاھىللىق قىلىپ سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىشنى رەت قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن، شۇنداق قىلىمەن.›»


ئەي پاشكۇر، ساڭا كەلسەك، سەن ئائىلەڭ بىلەن بىرلىكتە بابىلغا سۈرگۈن قىلىنىسەن. سەن ئۇ يەردە ئۆلۈپ، دەپنە قىلىنىسەن. سەن يەتكۈزگەن يالغان ۋەھىيلەرگە ئىشەنگەن بارلىق دوستلىرىڭمۇ ئوخشاش ھالغا چۈشىدۇ.»


مەن شىمالدىكى بارلىق خەلقلەرنى ۋە ‹خىزمەتكارىم› بولغان بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنى چاقىرىپ ئەكېلىمەن. ئۇلارنى يەھۇدىيە ۋە ئۇنىڭ پۇقرالىرىغا، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بارلىق قوشنا ئەللەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىشقا ئاتلاندۇرىمەن. مەن بۇ خەلقنى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى قوشنا ئەللەرنى تەلتۆكۈس يوقىتىمەن، ئۇلارنىڭ زېمىنىنى مەڭگۈلۈك خارابىلىككە ئايلاندۇرىمەن. مەن ئۇلارنى ئادەمنى چۆچۈتىدىغان قورقۇنچلۇق ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى مەسخىرە نىشانى قىلىمەن.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا قولايانىڭ ئوغلى ئاخاب ۋە مائاسېيانىڭ ئوغلى زىدقىيا توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: ‹ئۇلار سىلەرگە مېنىڭ نامىم بىلەن يالغان ۋەھىي يەتكۈزىدۇ. شۇڭا مەن ئۇلارنى بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. ئۇ ئۇلارنى كۆز ئالدىڭلاردا ئۆلتۈرىدۇ.


لېكىن مەن نېمىلەرنى كۆرۈۋاتىمەن؟ مىسىرنىڭ قوشۇنلىرى ۋەھىمىگە چۈشۈپ، لەشكەرلەر قېچىپ كېتىۋاتىدۇ. ئۇلار مەغلۇپ بولۇپ، ئارقىغا قارىماستىن تېز قاچماقتا. ھەممە يەر قورقۇنچلۇق!


ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى نىبۇزارئادان باش روھانىي سىرايانى، مۇئاۋىن روھانىي زىفانىيانى، ئۈچ مۇھاپىزەتچى روھانىينى،


بابىل پادىشاھى ئۇلارنى رىبلاھتا ئۆلتۈردى. شۇنداق قىلىپ يەھۇدىيە خەلقى سۈرگۈن قىلىنىپ، ئۆز زېمىنىدىن ئايرىلدى.


ئېتىزغا بارماڭلار، يوللاردا يۈرمەڭلار! چۈنكى ئۇ يەرلەردە قىلىچ تۇتقان دۈشمەنلەر بار، ھەممە يەرنى ۋەھىمە باسقان.»


لېكىن ئەۋلادىڭدىن بىرسىنى روھانىيلىق قىلىشقا قالدۇرىمەن. ئەمما ئۇنىڭ كۆزىدىن ياش قۇرۇمايدۇ، قايغۇدا ئۆتىدۇ. ئەۋلادلىرىڭنىڭ ھەممىسى ياش ئۆلۈپ كېتىدۇ.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan