يەرەمىيا 20:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى16 ئۇ ئادەم پەرۋەردىگار شەپقەتسىزلەرچە ۋەيران قىلغان شەھەرلەرگە ئوخشاش ۋەيران بولسۇن. ئۇ ئەتىگەندە نالە-پەرياد، چۈشتە جەڭ چۇقانلىرىنى ئاڭلىسۇن. Faic an caibideil |
مەن يېرۇسالېمدىكى پەيغەمبەرلەرنىڭمۇ تېخىمۇ يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇلار زىناخورلۇق قىلدى ۋە يالغان ۋەھىيلەرنى يەتكۈزدى. ئۇلار رەزىل كىشىلەرنى كۈشكۈرتتى. نەتىجىدە خەلق ئۆزىنىڭ قىلغان رەزىللىكىدىن ۋاز كەچمىدى. مەن ئاشۇ پەيغەمبەرلەرنى سودوم خەلقىدەك رەزىل، يېرۇسالېم پۇقرالىرىنى گومورا خەلقىدەك گۇناھكار دەپ قارايمەن.
ئۇنىڭ ئوڭ قولىدا پالنىڭ جاۋابى، يەنى يېرۇسالېم بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قوۋۇقبۇزار بىلەن يېرۇسالېم سېپىلىغا ھۇجۇم قىلماقچى بولىدۇ. ئۇ لەشكەرلىرىگە: «قىرىڭلار، چۇقان سېلىڭلار!» دەپ بۇيرۇق بېرىپ، شەھەر دەرۋازىلىرىغا قوۋۇقبۇزار ئورۇنلاشتۇرۇپ، سېپىلغا توپا دۆۋىلەپ، شەھەرنى قورشاش ئىنشائاتلىرىنى بەرپا قىلماقچى بولىدۇ.
شۇڭا ئۇ پەرۋەردىگارغا مۇنداق دېدى: _ ئى پەرۋەردىگار، يۇرتۇمدىكى ۋاقتىمدا سېنىڭ شۇنداق قىلىدىغانلىقىڭنى ئويلىغانىدىم! مەن سېنىڭ ئىنتايىن مېھرىبان ۋە رەھىمدىل خۇدا ئىكەنلىكىڭنى بىلىمەن. سېنىڭ ئاسانلىقچە غەزەپلەنمەيدىغانلىقىڭنى، مېھىر-مۇھەببىتىڭنىڭ چەكسىزلىكىنى، بالايىئاپەت كەلتۈرۈشنى خالىمايدىغانلىقىڭنى بىلەتتىم. شۇڭا تارشىشقا قاچمىغانمىدىم؟!
سودوم، گومورا ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەرلەرنىڭ خەلقلىرىنىمۇ يادىڭلاردىن چىقارماڭلار. ئۇلار خۇددى خۇداغا بويسۇنمىغان پەرىشتىلەرگە ئوخشاش، خۇداغا بويسۇنماي، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق ۋە غەيرىي شەھۋانىيلىقلارغا بېرىلىپ كېتىپ، ئاخىرى ئوتتا كۆيدۈرۈلگەن. بۇ خەلقلەر يامانلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ مەڭگۈلۈك ئوتتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىگە ئىبرەت قىلىندى.