14 مەن تۇغۇلغان كۈنگە لەنەت بولسۇن! ئانام مېنى تۇغقان كۈن خەيرلىك كۈن بولمىسۇن.
ئۆزى بىر كۈنلۈك يول يۈرۈپ، چۆلگە ئىچكىرىلەپ كىرىپ، بىر چاتقال تۈۋىگە كېلىپ ئولتۇرۇپ، پەرۋەردىگارغا: _ ئى پەرۋەردىگار، يېتەر ئەمدى، تويدۇم، جېنىمنى ئال. مېنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمدىن ئارتۇق يېرىم يوق، _ دەپ خىتاب قىلدى.
شۇنىڭدىن كېيىن ئايۇپ سۈكۈتنى بۇزۇپ ئېغىز ئېچىپ، ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى قارغىدى.
مەن پەرۋەردىگارغا مۇنداق دېدىم: _ ھالىمغا ۋاي! نېمە ئۈچۈن ئانام مېنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغاندۇ؟ بۇ زېمىندىكى خەلقنىڭ ھەممىسى ماڭا قارشى چىقىپ، مەن بىلەن جېدەل قىلىدۇ. مەن ھېچكىمگە قەرز بەرمىگەن ۋە ھېچكىمدىن قەرز ئالمىغان. لېكىن ھەممە ئادەم مېنى قارغىشىدۇ.