13 پەرۋەردىگارغا مەدھىيە ئوقۇپ، ئۇنى ماختاڭلار! چۈنكى ئۇ ئېزىلگەنلەرنى رەزىللەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ قالىدۇ.
پەرۋەردىگار ئاڭلاپ پېقىرنىڭ نىدايىنى، ھەممە كۈلپەتلەردىن قۇتقۇزدى مېنى.
چۈنكى خۇدا قۇلاق سالار موھتاجلارنىڭ دەردلىرىگە، ئېتىبارسىز قارىماس ئازاب تارتقان بەندىلىرىگە.
ئاقلىغۇچى بولۇپ پادىشاھ ئېزىلگەن مۆمىنلەرگە، قۇتۇلدۇرغاي نامراتلارنىڭ بالىلىرىنى ھەم بىتچىت قىلغاي زالىملارنى.
سەن يوقسۇللارنىڭ باشپاناھىسەن، قىيىنچىلىقتا قالغان بىچارىلەرنىڭ باشپاناھىسەن. بوران-چاپقۇندىن دالدىلىنىدىغان پاناھگاھىسەن ۋە ئىسسىقتىن دالدىلىنىدىغان سايىسەن. زالىملار دەھشەتلىك بوراندەك ھۇجۇم قىلىدۇ،
مەن سېنى رەزىللەرنىڭ قولىدىن قوغدايمەن ۋە زوراۋانلارنىڭ كۈچىدىن سېنى ئازاد قىلىمەن.
پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ياقۇپ ئەۋلادلىرى ئۈچۈن خۇشاللىق ناخشىلىرىنى ئېيتىڭلار، ئەڭ بۈيۈك خەلق ئۈچۈن تەنتەنە قىلىڭلار! ھەمدۇسانا ئوقۇپ مۇنداق دەڭلار: ‹ئى پەرۋەردىگار، خەلقىڭ ئىسرائىللاردىن ھايات قالغانلارنى قۇتقۇزغىن.›