9 شۇڭا، مەن پەرۋەردىگار سىلەرنى ۋە نەۋرەڭلارنى سوراققا تارتىمەن.
ئۇ چاقىرىپ ئاسمان بىلەن زېمىننى گۇۋاھلىققا، دەيدۇ مۇنداق، ئۆز خەلقىنى تارتىش ئۈچۈن سوراققا:
ئۇلارغا چوقۇنۇپ، سەجدە قىلماڭلار. چۈنكى مەن ساداقەتسىزلىكنى ئۆچ كۆرىدىغان پەرۋەردىگار خۇدادۇرمەن. مەندىن نەپرەتلەنگەنلەرنى تاكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ئەۋلادىغىچە جازالايمەن.
پەرۋەردىگار سوتتىن ئورۇن ئالدى، ئۇ خەلقنى سوراققا تارتىشقا ھازىرلاندى.
سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ نېمىدىن ئاغرىنغانلىقىڭلارنى ماڭا ئېيتىڭلار! مەن بىلەن مۇنازىرە قىلىڭلار! ئۆزۈڭلارنىڭ گۇناھسىزلىقىڭلارنى ئىسپاتلاپ بېقىڭلارچۇ قېنى؟
نېمە ئۈچۈن مەن بىلەن دەۋالىشىسىلەر، ھەممىڭلار ماڭا قارشى چىققان تۇرساڭلار؟
سىلەر تېخى ‹مەن گۇناھسىز، خۇدا ماڭا غەزەپلەنمەيدۇ› دەيسىلەر. ‹مەن گۇناھ قىلمىدىم› دېگەنلىكىڭلار ئۈچۈن، مەن سىلەرنى جازالايمەن.
ياقۇپ ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقتىدا ئاكىسىنىڭ تاپىنىنى تۇتۇۋالغانىدى، كېيىن ئۇ چوڭ بولۇپ، خۇدا بىلەن چېلىشتى.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەيىبلەڭلار، ئاناڭلارنى ئەيىبلەڭلار! ئۇ ئەمدى مېنىڭ خوتۇنۇم ئەمەس، مەنمۇ ئۇنىڭ ئېرى ئەمەس. يۈزىدىكى پاھىشىلىك جىلۋىلىرىنى، ئۈستىدىكى ئۇياتسىز كىيىملىرىنى يوقاتسۇن.
ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار! ئۇ سىلەرنى، يەنى بۇ زېمىندا ياشاۋاتقانلارنى ئەيىبلەيدۇ. بۇ زېمىندا ياشاۋاتقان كىشىلەر ساداقەتسىز ۋە مېھىر-مۇھەببەتسىزدۇر، ئۇلار خۇدانى تونۇمايدۇ.
مەن ئۇلارغا ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا قارشى چىقىمەن. مەندىن تېنىپ بۇت ئىلاھى مولەككە چوقۇنغۇچىلارنى ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكۈچىلەرنى خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىمەن.
ئەي تاغلار، پەرۋەردىگارنىڭ ئەيىبلىشىنى ئاڭلاڭلار! ئەي زېمىننىڭ مەڭگۈلۈك ئۇللىرى، قۇلاق سېلىڭلار. چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنىڭ ئۈستىدىن دەۋا ئېچىۋاتىدۇ، ئىسرائىللارنى ئەيىبلەۋاتىدۇ.