يەرەمىيا 2:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى8 روھانىيلار ماڭا ئىنتىلمىدى، قانۇنلىرىمنى ئۆگىتىدىغانلار مېنى ھەقىقىي تونۇمىدى، يېتەكچىلەر ماڭا قارشى چىقتى. ساختا پەيغەمبەرلەر بۇت بائالنىڭ نامىدىن ۋەھىي يەتكۈزۈپ، ئۆزلىرىگە قىلچە ياردەم بېرەلمەيدىغان بۇتلارغا چوقۇندى. Faic an caibideil |
سەندىكى روھانىيلار قانۇنۇمنى بۇزۇپ، مۇقەددەس نەرسىلىرىمنى بۇلغىدى. ئۇلار نېمىنىڭ مۇقەددەس، نېمىنىڭ مۇقەددەس ئەمەسلىكىنى ئايرىمىدى، نېمىنىڭ پاك، نېمىنىڭ ناپاك ئىكەنلىكى ھەققىدە كىشىلەرگە تەلىم بەرمىدى. ئۇلار مەن بېكىتكەن دەم ئېلىش كۈنلىرىگە ئەمەل قىلماي، نامىمنى خەلق ئارىسىدا ھۆرمەتسىزلىككە دۇچار قىلدى.