Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەرەمىيا 2:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 مەن سىلەرنى مېۋىلەر ۋە ئېسىل نەرسىلەردىن ھۇزۇرلانسۇن دەپ، بۇ مۇنبەت زېمىنغا ئېلىپ كەلگەنىدىم. بىراق مېنىڭ زېمىنىمغا كىرگەندىن كېيىن، ئۇنى بۇلغىدىڭلار. ماڭا تەئەللۇق بولغان بۇ زېمىننى يىرگىنچلىك جايغا ئايلاندۇرۇپ قويدۇڭلار.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەرەمىيا 2:7
28 Iomraidhean Croise  

خەلقىڭ سېپىللىرى مۇستەھكەم شەھەرلەرنى ۋە مۇنبەت يەرلەرنى تارتىۋالدى. ئۇلار مال-دۇنيا بىلەن تولغان ئۆيلەرگە، قېزىپ قويۇلغان قۇدۇقلارغا، ئۈزۈمزارلىقلارغا، زەيتۇنلۇقلارغا ۋە مول مېۋىلىك باغلارغا ئىگە بولدى. ئۇلار قانغۇچە يەپ-ئىچىپ، سەمرىدى ۋە ئاتا قىلغان پۈتكۈل نېمەتلىرىڭدىن بەھرىمەن بولدى.


لېكىن خەلقىڭ ساڭا بويسۇنمىدى. سەندىن يۈز ئۆرۈدى ۋە قانۇنۇڭنى تاشلاپ قويدى. ئۇلار سېنىڭ يولۇڭغا قايتىشقا دەۋەت قىلغان پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرۈپ، ساڭا ئېغىر ھاقارەت كەلتۈردى.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۇلارغا بەخت ئاتا قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ: «مىسىرلىقلار مېنىڭ خەلقىم، ئاسسۇرلار مېنىڭ قولۇمدىكى ئىجادىيىتىم، ئىسرائىللار مېنىڭ مۈلكۈم، سىلەر بەختلىك بولۇڭلار!»


مەن ئۇلارنى ئۆز رەزىللىكلىرى ۋە گۇناھلىرى ئۈچۈن بىر ھەسسە ئارتۇق جازالايمەن. چۈنكى ئۇلار ئادەمنى سەسكەندۈرىدىغان جانسىز بۇتلىرى بىلەن مېنىڭ زېمىنىمنى بۇلغىدى. ئۇلار ماڭا تەئەللۇق بولغان بۇ زېمىننى ئۆزلىرىنىڭ يىرگىنچلىك بۇتلىرى بىلەن تولدۇردى.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر بىر ئادەم ئايالىنى قويۇۋەتسە، ئۇ ئايال ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ، باشقا بىرىگە خوتۇن بولۇپ كەتسە، ئالدىنقى ئېرى ئۇ ئايالنى قايتا نىكاھىغا ئالسا بولامدۇ؟! بۇنداق بىمەنىچىلىك پۈتۈن يۇرتنى بۇلغىمامدۇ؟! شۇنىڭغا ئوخشاش سىلەر ئىسرائىللار خۇددى پاھىشىلەردەك پەرۋەردىگارغا ساداقەتسىزلىك قىلىپ، ئۆزۈڭلارنى نۇرغۇن بۇت ئىلاھلارغا ئاتىۋەتتىڭلار. سىلەر قايسى يۈزۈڭلار بىلەن ‹بىز پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا قايتىپ بارالايمىز› دەپ ئويلايسىلەر؟


ئەتراپىڭلاردىكى تاقىر تاغلارغا قاراپ بېقىڭلار، ئۇ يەرلەردە بۇتلارغا چوقۇنۇپ، پاھىشىۋازلىق قىلمىغان جاي قالدىمۇ؟ سىلەر يول بويىدا خېرىدار كۈتۈۋاتقان پاھىشىلەرگە ئوخشاش ئولتۇرىسىلەر. سىلەر خۇددى چۆلدە ئولجا كۈتۈپ، يوشۇرۇنۇپ تۇرغان قاراقچىلارغا ئوخشايسىلەر. سىلەرنىڭ يات ئىلاھلار بىلەن قىلغان پاھىشىۋازلىقىڭلار بۇ زېمىننى بۇلغىدى.


ئۇ ئۆزىنىڭ قىلغان ساداقەتسىزلىكىگە سەل قاراپ، ياغاچ ۋە تاشلاردىن ياسالغان بۇتلارغا چوقۇنۇپ، زېمىننى بۇلغىدى.


لېكىن ئۇلار بۇ زېمىنغا كېلىپ، ئۇنىڭغا ئىگە بولغاندىن كېيىن، ئۇلار ھەم ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ سېنىڭ سۆزلىرىڭگە قۇلاق سالمىدى، يولۇڭدا ماڭمىدى! شۇنداقلا، ئۇلار سەن ئەمر قىلغان ئىشلارنىڭ ھېچقايسىسىنى قىلمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن سەن بۈگۈن ئۇلارغا پۈتۈن بالايىئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلدىڭ.


چۈنكى ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە خەلقى ئەزەلدىن نەزىرىمدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ داۋاملىق قىلىۋاتقان بۇ قىلمىشلىرى مېنى بەك غەزەپلەندۈردى. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!


چۈنكى ئۇلار مېنىڭ قانۇنلىرىمغا رىئايە قىلمىدى، بەلگىلىمىلىرىمگە ئەمەل قىلمىدى، بېكىتكەن دەم ئېلىش كۈنىنىمۇ بۇلغىدى، ئاتا-بوۋىلىرى چوقۇنغان بۇتلارغا مەپتۇن بولدى.‏


مەن ئۇلارغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىنغا ئۇلارنى باشلاپ كىرگەندىن كېيىن، ئۇلار ھەربىر ئېگىزلىكنى، ھەربىر بۈك-باراقسان دەرەخنى كۆرگەن ھامان، ئۇ يەرلەردە قۇربانلىق قىلىپ، بۇتلارنى قويۇپ، خۇش پۇراقلىق ھەدىيەلەرنى كۆيدۈرۈپ، شاراب سۇنۇپ، غەزىپىمنى قوزغىدى.


ئاشۇ كۈنى مەن ئۇلارغا ئۇلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىدىغانلىقىم، ئۇلارنى ئۇلار ئۈچۈن مەن تاللىغان سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىندىكى ئەڭ گۈزەل ماكانغا ئېلىپ بارىدىغانلىقىم ھەققىدە ۋەدە بەرگەنىدىم.


ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سەن مېنى ئۇنتۇپ كەتكەنلىكىڭ ۋە ماڭا تەتۈر قارىغانلىقىڭ ئۈچۈن، سەن ئەمدى قىلغان بۇزۇقچىلىقىڭ ۋە ئىشقىۋازلىقىڭنىڭ جازاسىنى تارتىسەن.»


_ ئەي ئادەم بالىسى، ئىسرائىل خەلقى ئۆز زېمىنىدا ياشىغان مەزگىلىدە، رەزىللىكلىرى بىلەن ئۆز زېمىنىنى بۇلغىغانىدى. ئۇلارنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرى مېنىڭ نەزىرىمدە خۇددى ھەيزدار ئاياللارنىڭ ھەيزلىرىدەك ناپاك ئىدى.


ئەمدى سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ زېمىنىدا قالالمايسىلەر. سىلەر مىسىرغا قايتىسىلەر ھەم ئاسسۇردا ھارام يېمەكلىكلەرنى يەيسىلەر.


ئورنۇڭلاردىن قوپۇڭلار! بۇ يەردىن كېتىڭلار. بۇ زېمىن ئەمدى سىلەرگە خاتىرجەم ماكان بولالمايدۇ! بۇ زېمىننى سىلەر گۇناھىڭلار بىلەن بۇلغىدىڭلار، ئۇنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلدىڭلار.


ھەمدە مۇساغا مۇنداق دەپ تەسۋىرلەپ بەردى: _ سەن بىزنى ئەۋەتكەن ئاشۇ زېمىنغا ئىچكىرىلەپ كىردۇق. ئۇ يەر ھەقىقەتەنمۇ سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىن ئىكەن. مانا بۇ مېۋىلەر ئاشۇ يەرنىڭ مېۋىلىرى.


جەسەت دەرەختە كېچىچە تۇرۇپ قالمىسۇن. ئۇنى چوقۇم شۇ كۈنىلا دەپنە قىلىۋېتىڭلار. دەرەخكە ئېسىلغان ئادەم خۇدانىڭ قارغىشىغا قالغاندۇر. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بەرگەن بۇ زېمىننى بۇلغىماڭلار.


لېكىن ئىسرائىل خەلقى پەرۋەردىگارغا تەۋەدۇر، ياقۇپ ئۇنىڭ مۈلكىدۇر.


پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس ۋە ياخشى بولغان ئىشلارنى قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ھەممە ئىشىڭلار ئوڭۇشلۇق بولىدۇ. پەرۋەردىگار ئەجدادلىرىڭلارغا ئاتا قىلىشقا ۋەدە قىلغان گۈزەل زېمىنغا ئىگە بولىسىلەر.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan